تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى تازىلىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى تازىلىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى تازىلىق مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پاكىزلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بولۇپمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، كادىرلار، ئاممىنى مۇھىت تازىلىقىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش، ساغلاملىق، سەھىيە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز شەھەر - بازار بەرپا قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تارقاق غىزالىنىش ھەرىكىتىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك؛ ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى، مەدەنىي تازىلىق ئېڭى ۋە شەخسىي ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ جەمئىيەت ساغلاملىقنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان بىر تۈرلۈك سىستېما خاراكتېرلىك خىزمەت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىت تازىلىقىنى تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جەرۇللا ھېسامىدىن، مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى