تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل چەك، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاش «گۈزەل يۇرت سېغىنىشى»نى ساقلاپ قېلىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرىدىكى 1000مو شاللىق (8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). بۇ بازار بەيچۈەنخۇ سۇلۇق يېرىگە تايىنىپ، سۇلۇق يەر ئىستىراھەت ساياھىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن يېزا - كەنت ئېكولوگىيە مەنزىرىسى بەرپا قىلدى.

(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)

«بىز ئۈچ كۆمۈركاننى تاقىدۇق، ناھىيەنىڭ مالىيە كىرىمى بىۋاسىتە 100 مىليون يۈەنگە يېقىن ئازايدى، لېكىن گۈزەل تاڭبۇلا ئوتلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قەتئىي ئىرادىگە كېلىشىمىز كېرەك. ئەجدادلارنىڭ تامىقىنى يەپ، ئەۋلادلارنىڭ قاچىسىنى چاقىدىغان ئىش ئەمدى يۈزبەرسە ھەرگىز بولمايدۇ!» دېدى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى نىلقا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مۇرات بايقوجا مۇخبىرغا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىزىل چەكنى تېز بېكىتىش ۋە قاتتىق ساقلاش كېرەك. ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم ئىجراسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق سىمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ساقلاپ، «گۈزەل يۇرت سېغىنىشى»نى ساقلاپ قالدى.

تۈزۈم كاپالىتى

قىزىل چەك، تۆۋەن چەكنى ھەرگىز يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ

«دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ۋەزىيەتتىكى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم <ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەك تەلىپىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش خىزمىتى كومىتېتى قانۇنچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۇڭ جىمىڭ.

شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەكنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق چەكلىمىلىككە ئىگە قىلدى.

2017 - يىلى 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى مەنبەدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى «يۇقىرى بېسىملىق سىم»نى ئورناتتى، چىڭىتتى.

2018 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئۈچ يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىغا قارىتا، چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق كۆرسەتكۈچلەرنى بەلگىلەپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنى چىقىرىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىزىل چەك، تۆۋەن چەك قاتتىق چەكلىمىسىنى قاتتىق ساقلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، قەتئىي تۈردە پۇقرالار ئۈچۈن ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى يارىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى ئاتموسفېرا مۇھىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى شيۇڭ جيەنشىن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاش - جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، ئۆمۈرۋايەت مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش پىرىنسىپىنى بېكىتتى؛ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەكنى يوققا چىقارماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز رايون بوشلۇقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى باھالاش ھەم «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» تۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى تېز بېكىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

ھەرىكىتىدە ئىپادىلەش

قىزىل چەك، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەك تەلىپىنى قەتئىي پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلدى.

ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى يېنىمىزدىلا. شىنجاڭدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا ھىدروگېن خىلورىد ئىشلەپچىقىرىش تۈرى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتەلمىدى؛ مەلۇم شىركەت خىمىيە سانائىتى تۈرىگە تاللىغان ئورۇن «دۇنيا موگۇيچېڭ» مەنزىرە رايونىدا بولۇپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى توغرىسىدىكى ئالاقىدار نىزامغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن، «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىندى»؛ سېلىنما سوممىسى 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كېرەكسىز كونا بالوندىن ھاسىلىي پايدىلىنىش تۈرى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىن ئۆتەلمىگەچكە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) كىرگۈزۈشنى رەت قىلدى...

مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى يېنىمىزدىلا. 2019 − 2020 - يىللىق پار بېرىش مەزگىلىدە، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىدا جەمئىي بەش قېتىم ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايى ئاگاھلاندۇرۇشى قوزغىتىلدى. رايون ئىچىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلار مۇناسىپ دەرىجىدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەتتا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بۇلغىما ئازايتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، مۇھىت بۇلغاشنى ئازايتتى.

بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى يېنىمىزدىلا. قانۇنسىز توك قۇدۇقلىرىنى تاقاش، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىش مىقدارىغا چەك قويۇش، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش مەسىلىسىگە قارىتا، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىش مىقدارىدا ئازىيىشلا بولۇپ، كۆپىيىش بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەر ئاستى سۈيى ئېكولوگىيە مۇھىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە ساقلىدى.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئېنىق تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2018 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز زور كۈچ سەرپ قىلىپ سانائەت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىپ، سانائەت بۇلغىمىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، مۇھىت مەمۇرىي جازاسى دېلولىرىنى بېجىرىپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق جەرىمانە قويدى.

2019 - يىلى 12 - ئايدا، نىلقا ناھىيەسىدىكى يۈشىڭ قاتارلىق ئۈچ كۆمۈر كاننى تاقاشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى، ئىچىدىغان سۇ مەنبەلىرىگە جايلاشقان 18 كىچىك كۆمۈركاننىڭ ھەممىسى تاقالدى، چېكىندۈرۈلدى.

كۆمۈركاننى تاقاش، چېكىندۈرۈشكە قارىتا مۇرات بايقوجا مۇنداق قارىدى: بۇ، كەسىپلەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر تاللاش. بۇنىڭدىن كېيىن نىلقا ناھىيەسى ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ساياھىتى، قارا ھەرە كەسپى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىش

قىزىل چەك، تۆۋەن چەك كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىش

سۈزۈك تېكەس دەرياسى پۈتۈن ناھىيەنى كېسىپ ئۆتىدۇ، 10 مىڭ موغا يېقىن رەيھان ھەيۋەتلىك گۈزەل قارلىق تاغ باغرىدا جۇلالىق ئېچىلغانىدى... بۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈشتىن كىشى قانداقمۇ مېھرىنى ئۈزەلىسۇن! ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %98تىن ئېشىش، ناھىيە تەۋەسىدىكى يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى Ⅱ تۈردىن يۇقىرى بولۇش، ئورمان، ئوتلاق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %71تىن يۇقىرى بولۇش − 2017 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرى قاتارىغا تاللانغان موڭغۇلكۈرەدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىككە ئايلاندى.

«يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە يېڭى كان تەكشۈرۈش، كان ئېچىش تۈرلىرىنى قايتا تەستىقلىمىدى، بىز ھەرگىزمۇ <ئاۋۋال بۇلغاپ، ئاندىن تۈزەش>تەك كونا يولدا ماڭمايمىز!» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇي.

بۈگۈنكى كۈندە، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش ئىدىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى تەرەققىيات رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش نىزامى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، رايون ئاتموسفېراسى، شاۋقۇن، قاتتىق تاشلاندۇق، قۇرۇلۇش، بۇلغىما چىقىرىش، تەبىئىي مۇھاپىزەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەرەققىيات رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى.

«بىز باشتىن - ئاخىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، <ئۈچ يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ شەرقىي جۇڭغارغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ئايلانما ئىقتىساد، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويدۇق.» شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى نۆل بۇلغىما چىقىرىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. ھەربىر ئادەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ قوغدىغۇچىسى، قۇرغۇچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ھېچكىم چەتتە قاراپ تۇرغۇچى، مۇناسىۋەتسىز كىشى ئەمەس.

«بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تاڭبۇلا ئوتلىقى تېخىمۇ كۆكىرىپ، مەنزىرىسى بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، نۇرغۇن چارۋىچى ساياھەت كەسپىدىن مەنپەئەتلەندى، بەخت تۇيغۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.» مۇرات بايقوجا چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن مەنپەئەتلەندۇق، بىز يۇرت - ماكانىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى