تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىشى، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: تەشۋىق - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

«ئىقتىسادچىل بولغاندا چەكلىمە بولىدۇ، چەكلىمە بولغاندا ياخشى ئىشلار كۆپىيىدۇ؛ ئىسراپخور بولغاندا چېكىدىن ئاشىدۇ، چېكىدىن ئاشقاندا ناچار ئىللەتلەر ئۇلغىيىدۇ.» جەزمەن شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرى «تېشىش ئېففېكت»ىغا ئىگە بولۇپ، جەمئىيەت بايلىقىنى چىرىتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق ئىستىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىدىن چەتنىگەنلىك، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن يىراقلاشقانلىق بولۇپ، جەمئىيەت كەيپىياتنى بۇزىدۇ. تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش شەخسىي ئەخلاق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت ئومۇمىي ئەخلاقى. ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش بىر خىل ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ۋە قىممەت ئىنتىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى دۆلەت قاتلىمى، جەمئىيەت قاتلىمى ياكى شەخس قاتلىمىدا بولسۇن، ھەممىسى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدا بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر مەزمۇن. بىر قىسىم جايلاردا ھېلىھەم ساقلىنىۋاتقان يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىسىگە قارىتا، ھەم قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇغاندىلا، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشتەك مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان ئىدىيەۋى قاراشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغاندىلا، ئاندىن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، باھار يامغۇرىدەك ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىياتنى يارىتىشتا، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈش كېرەك. «بىر قاچا ئۇماچ، بىر قاچا ئاشنىڭمۇ تەستە قولغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىش؛ كىيىمنىڭ ھەربىر تال يىپىنىڭمۇ ئىنتايىن جاپادا ئىشلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.» بۈگۈنكى كۈندە، ماددىي ئەشيالار كۈنسېرى موللاشتى، تۇرمۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستى، لېكىن ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش بىزنىڭ ئەڭگۈشتەرىمىز، ئۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ. بولۇپمۇ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش بىر مىللەتنىڭ ئاساسىي زامانىۋى مەدەنىيلىك ساپاسى، تېجەشلىك بولۇشنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ تېجەشلىك بولۇشنى بىر خىل جەمئىيەت كەيپىياتىغا ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن مىللەت گۈزەل ئەخلاقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازغىلى بولىدۇ. بىز تېجەشلىك بولۇشقا ئىنتىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تېجەشلىك بولۇشتىكى ھەرىكەتلەنگۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. بىز 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت، ئەگەر ھەممە ئادەم تېجەشلىك بولۇشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، قىلچىلىكمۇ ئىسراپ قىلماي، تەدرىجىي توپلاپ، «تېجەشلىك بول»دىن «تېجەشلىك بولىمەن»گە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشنى قەلبكە سىڭگەن، ھەرىكەتكە ئايلانغان ئادەت ۋە تەربىيەگە ئايلاندۇرسا، ئۇ چاغدا نەقەدەر زور بايلىق توپلىغىلى، نەقەدەر قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولاتتى - ھە!

پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىشتا، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتا چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ دۆلەت سىياسىتى، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش دەل يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىچكى تەلىپى. سۇ تېجەش، توك تېجەش، گاز تېجەشتىن تارتىپ سەپەر شەكلىنى ئۆزگەرتىشكىچە، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن تارتىپ زىيادە ئوراشنى رەت قىلىشقىچە ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ھازىردىن باشلىساقلا، تېجەشلىك بولۇش يېڭى ئىستىلىنى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىيەلەيمىز. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىپ، «لايىقىدا ئېلىپ، تېجەشلىك ئىشلىتىپ»، ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىقنى رەت قىلغاندىلا، ئاندىن مەدەنىي، ساغلام جەمئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىياتنى يارىتىشتا، يەنە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش روھىنى تىرەك قىلمىغان مىللەتنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى تەسكە توختايدۇ؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش روھىنى تىرەك قىلمىغان سىياسىي پارتىيەنىڭ گۈللەپ ياشنىشى تەسكە توختايدۇ. جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. ئادەم تاغنىڭ قاپتىلىغا چىققانسېرى، پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغانسېرى، بېيىماي تۇرۇپ ھەشەمەتچىلىك قىلىش قىلتىقىدىن شۇنچە ھوشيار بولۇش كېرەك؛ ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى شۇنچە ئۇرغۇتۇش كېرەك. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بەتخەجلىك، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىمىزدىكى بىر چوڭ ئەڭگۈشتەرىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىزدىكى جاسارىتىمىز.

«دانا چەكلىگۈچىلەر ئاۋۋال ئۆزىنى چەكلەيدۇ، ئاندىن باشقىلارنى چەكلەيدۇ.» كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى نەمۇنە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، لەۋزىدە تۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىقنى تۈزەپ، خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈم ۋە ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

(8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى