تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى: ئەمگەككە ياردەملىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، سەمىمىي يۆلەشتىن دېھقانلار خۇش بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئونسۇ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى  خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈن خەيخۇڭ): بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت باش باج ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسى ئاقتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك بېجىرىش، كىچىك ئىشلارنى كۆپچىلىك قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلدى.

   مۇھىتنى تۈزەشنى دېھقانلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەل رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى «خىزمەت ئەترىتى + پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتى+ كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئاقتوغراق كەنتىدىكى 23 نامرات ئاھالىنىڭ ھويلىسى، ئۆي ئىچى مۇھىتى ۋە كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى ۋە ئۆزگەرتتى. بولۇپمۇ، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار ئەترىتى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئاۋانگارت ۋە ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى.

  كەنتتىكى نامرات ئاھالە يۈسۈپ ياسىن ھويلىسىنى رېمونت قىلىشقا ئامالسىز قالغانىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قورۇ تېمىنى ئوڭشاپ، ئۆيىنى ھاكلاپ بەردى، كونا قوتىنىنى چېقىپ، كىچىك كۆكتاتلىق قىلدى، ھەم كۆكتات تېرىدى. ھازىر يۈسۈپ ياسىننىڭ ئۆيى ئىچى-سىرتى پاكىز يىغىشتۇرۇلدى، توڭلاتقۇ، كىيىم ئىشكاپى، نەرسە-كېرەكلەر رەتلىك رەتلەندى.

  تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي پىكىر يولىنى بېكىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى بەرپا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆپ خىل يول شەكىللەندۈردى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاي بويىچە ستاتىستىكا قىلىپ، ئارخىپ تۇغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى سىياسەت، ئىش ئورنى، مۇلازىمەتنى مەركەزلىك يەتكۈزدى.

   نامرات ئاھالە سەمەت موللاتوختىنىڭ قولىدا ھازىر بىر دۆۋە گۇۋاھنامە بار. «بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش كىنىشكىسى، بۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ، يەنە بۇ خوتۇنۇمنىڭ ئاشپەزلىك كىنىشكىسى... بىزدە بۇ تېخنىكىلار بار، شۇڭا خىزمەت تاپالماسلىقتىن غەم قىلمايمىز».

  سەمەت ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىلگىرى باشقىلارغا ياردەملىشىپ لازا ئۈزۈپ، ياڭاق يىغىپ، قۇرۇلۇش ئورنىدا ۋاقىتلىق ئىش قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. خىزمەت ئەترىتى سەمەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلارغا تۈرلۈك تەربىيەلەش پۇرسىتىنى پائال يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتى ۋە قابىليىتىنى ئاشۇردى ھەمدە ئۇلارغا خىزمەت تونۇشتۇردى. ھازىر سەمەت قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ تېخنىك ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئايالىمۇ ئاشپەز بولدى. بۇ يىل ئۇ يېڭىدىن سافا، كىيىم ئىشكاپى، تاماق ئۈستىلى، گىلەم سېتىۋالدى، يەنە يېڭى توڭلاتقۇمۇ ئالماشتۇردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى.

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاقتوغراق كەنتىدىن 131 ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىلەردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلاردىن 30ى بار بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %67ىنى ئىگىلىدى. ھازىر پۈتۈن كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئاز دېگەندە بىر ئەمگەك كۈچى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، بارلىق ئەمگەك كۈچىنى تولۇق ئىشلىتىش، ئائىلە كىرىم مەنبەسى مۇقىم بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى