تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئىشنى مۇھىتنى تۈزەشتىن باشلاپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەش _____ بوستان كەنتى چىرايلىق بولۇپ كەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى بوستان كەنتى يېشىللىققا پۈركەنگەن، كەڭرى، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر، پاكىز، گۈزەل ھويلا-ئارانلار... كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدا خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايتتى.

  «ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، كەنتىمىز بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى.»7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كەنتتە يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، بوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زورەمخان مەتتۇرسۇن پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى.

  بوستان كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، قۇم-بوران كۈچلۈك، كەنتنىڭ ئەھۋالىنى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتنىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.

  «بۇلتۇر 3-ئايدا، بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قانات يايدۇردۇق، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى مۇھىتنى تۈزەش ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنتنىڭ مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىدۇق ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ھويلا-ئارانلارنى ئۆزگەرتىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىنى لايىھەلەپ چىقتۇق.» دېدى بوستان كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى شياۋفېي.

  كەنتتە بىر ئائىلىنى تاللاپ ھويلا-ئاراننى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىسى ئوسمان قاسىم تۇنجى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىنى «ئۈچ رايونغا ئايرىپ»، سۇلۇق ھاجەتخانا ئورنىتىپ، ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلىدى. ئوسماننىڭ ئائىلىسى گۈزەل، پاكىز بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى، كۆپچىلىكمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلدى، ھازىر 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ھويلا-ئاراننى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇردى، پۈتۈن كەنت يېڭى تۈسكە كىردى.

  بوستان كەنتىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى پائال ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى. ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، 55 مو كوللېكتىپ يەرنى ئاجرىتىپ، 26 نامرات ئائىلىنىڭ تاتلىق لازا تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ھەقسىز تەمىنلىدى ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ 26 ئائىلىلىكنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2800 يۈەن ئاشتى. بۇ يىل، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى تاتلىق لازا تېرىش سېپىگە قوشۇلۇپ، تېرىش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە پۈتۈن كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ، ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ماھارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شۇ جايدىكى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئىش ئورنى ھەل قىلدى. بۇلتۇر قىشتىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى 22 مەيدان تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، 460 ئادەم تەربىيەلەش ئارقىلىق خىزمەت ئورنىغا چىقتى.

  «ئۆيدىكى تۆت مو يەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۈچ ئايلىق ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتىم ھەم ئاشپەزلىك خىزمىتى تاپتىم، ئايلىق مائاشىم 4500 يۈەن!» دېدى كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا مەتتۇرسۇن خۇشال ھالدا.

  مۇھىت گۈزەللەشتى، ھەميان تومپايدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشمۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. كەنتتە مەدەنىيەت مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى قۇرۇلۇپ، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى سەنئەت نومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى. ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، «بوستان كەنتى مەيدان ئۇسسۇل ئەترىتى»، «ئاياللار خور ئۆمىكى» قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت قوشۇنى بارلىققا كەلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بوستان كەنتى ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئىچكى -تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەش» كەنتىگە ئايلاندى، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ سېھرىي كۈچى ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ، بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى