تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ بەختكە قاراپ يول ئالدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئالتاي، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى. ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاۋ شۇاڭ، ۋاڭ فېيلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئالتاي شەھىرى شەمىرشەك بازىرى بايگە توبە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەرىكبول شۇكىروللا مۇنداق دېدى: «قوشنام بىلەن ئۆيلۈك يەر ماجىراسى سەۋەبىدىن ئازراق ئازارلىشىپ قالغاندا، ئېرباۋ ئاكام سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ‹ئېرباۋ غەمدىن خالاس قىلىش ئىشخانىسى›غا بېرىپ ياردەم سورايدۇ!»

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئالتاي ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى گۇەن تيەنلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېرباۋ غەمدىن خالاس قىلىش ئىشخانىسى» خىزمەت ئەترىتى ئورۇنلاشقاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسى بولۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.

  خىزمەت ئەترىتى ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتىن قوش يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەچلىك كۇرس ئېچىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، ساياھەت ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇردى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن يول تېپىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى؛ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، ھۈنەرخانا قۇرۇپ، شىرنىلىك مېۋە ۋە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى سىناق قىلىپ تېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت كەنتى بەرپا قىلدى.

  ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە مۇراتبېك خابدىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلىپ، كاۋاك خىش زاۋۇتى قۇرۇپ، شۇ يىلىلا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئېلىپ، نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.

  كەنت ئاھالىسى جانىبېك بايقابۇل خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، يىللىق كىرىمىنى 60 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر پۈتۈن كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇدىن 15ى ئېچىلغان، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئورنىدىن بەشى بار بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 35 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.

  گۇەن تيەنلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى پەقەت بىرىنچى قەدەم، خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق كۈچلۈك قۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بەختكە قاراپ ئاتلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى