تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسى | «ئالدىنقى قاراۋۇلخانا غوجىدارى» ۋاڭ فاڭ: ئىشىنىش ۋە تاپشۇرۇقنى يەردە قويۇشقا بولمايدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەنىدى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ۋاڭ فاڭ ئاق خالاتنى سېلىپ، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاپ، نازارەت قىلىپ چارلاشقا تەييارلاندى.

   «بۇ كىشىلەردە قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بارمۇ؟ چوقۇم تەپسىلىي سوراش، تەكشۈرتۈش كېرەك، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.» بۇ ۋاقىتتا، ۋاڭ فاڭ بىر تەرەپتىن ئاغرىقنىڭ تىزىملىك دەپتىرىنى تەكشۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قىزىغان ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتاتتى.

   ۋاڭ فاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى شۆبە دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ مەسئۇل بولغان ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق تارماق، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشتىكى بىرىنچى ئۆتكەل بولۇپ، ئۇ خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن «ئالدىنقى قاراۋۇلخانا غوجىدارى» دەپ ئاتالدى.

مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاپ، ۋاڭ فاڭ نازارەت قىلىپ چارلاشقا تەييارلاندى.

   يان تېلېفون، چۇڭديەنباۋ قولدىن ئايرىلمىدى

   ھەر كۈنى سائەت 9دىن باشلاپ، ۋاڭ فاڭ تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى جەملەيدۇ، يەنە دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاغرىقلارنى يۆتكەپ ئاپىرىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللەش، دوختۇر-سېسترالارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشلەيدۇ، بەزىدە ئۇ يەنە ئاغرىقلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تەسەللىي بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر خىل ئاغرىقلارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

   ۋاڭ فاڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80دىن ئارتۇق تېلېفون قوبۇل قىلىدۇ، يان تېلېفون، چۇڭديەنباۋنى قولىدىن ئايرىمايدۇ، ۋېيشىن ئۇچۇرلىرىمۇ ئۈزۈلمەيدۇ، «ھەر كۈنى يان تېلېفوننى توختىماي ئىشلىتىپ پارتلىتىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن، لېكىن ئامال يوق، نۇرغۇن ئىشلارنى بالدۇر ئىگىلىمىسەم، بىرىنچى ۋاقىتتا بىرتەرەپ قىلمىسام بولمايدۇ» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

   «مېنىڭ ھەر كۈنى ئىشقا چىقىپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم ئالدىنقى كۈندىكى كېسەل كۆرۈش سانلىق مەلۇماتىنى يۇقىرىغا يوللاش، ئاندىن قىزىتمىنى ئالدىن تەكشۈرۈش ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش. گۇمانىي ئاغرىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنسىلا، مەن ھەر ۋاقىت داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەقسىملەيمەن، ئورۇنلاشتۇرىمەن» دېدى ۋاڭ فاڭ.

   «بەزى قىزىتما ئاغرىقلىرى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققىچە سەل تەشۋىشلىنىدۇ، ئۇلار قېتىم-قېتىملاپ <نەتىجىسى قاچان چىقىدۇ؟> <ناۋادا ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ قالسا قانداق قىلارمەن؟> دەپ سورايدۇ.» ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: بۇ چاغدا دوختۇر-سېسترالار بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تەسەللىي بېرىپ، ئاغرىقنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى تۈگىتىدۇ.

ۋاڭ فاڭ (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) بىلەن خىزمەتداشلىرى ئۆزئارا مەدەت بېرىشمەكتە.

   يېقىندا بىر ئوغۇل بالا قىزىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى، دوختۇرخانىدا كۆزىتىشكە توغرا كەلدى، لېكىن ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىغاچقا، ھاممىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى، بالا توختىماي يىغلاپ، تاماقمۇ يېمىدى. بالىنىڭ ھاممىسى جىددىيلىشىپ، دەماللىققا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. «بالا شىنجاڭغا كېلىپ نەچچە كۈن بولمايلا ئاغرىپ قالدى، مەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قانداق جاۋاب بېرىمەن!».

   ۋاڭ فاڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئايرىپ داۋالاش رايونىدىكى سېسترالار باشلىقىنى بالىغا ھەمراھ بولۇشقا ئەۋەتىپ، بالىنى ئاستا-ئاستا بەزلىدى.

   «ئەنسىرىمەڭ، بەلكىم ئادەتتىكى قىزىتما بولۇشى مۇمكىن، ھازىر نەتىجىسى تېخى چىقمىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بولغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن دوختۇر ۋە سېسترالىرىمىز بار!» ۋاڭ فاڭمۇ بالىنىڭ ھاممىسىغا تەسەللىي بەردى.

   شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ۋاڭ فاڭ ھەر كۈنى ۋېيشىن ئارقىلىق بالىنىڭ ھاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، بالىغا نېمە لازىم بولسا، ئۇ سېتىۋېلىپ، سېسترالار باشلىقى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەردى.

   بالا تېببىي كۆزىتىشتىن بىكار قىلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى، ۋاڭ فاڭ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بالىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى، ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا، يەنە تېلېفون كېلىپ، باشقا خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ۋاڭ فاڭ بالىنى كۆرەلمىگەنلىكىدىن سەل ئەپسۇسلاندى، ئۈستەلنىڭ بۇرجىكىدىكى قوغۇننى چۈشتە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا بەرگەن بولۇپ، تېخى يېيىشكە ئۈلگۈرمىگەنىدى، «دوختۇر-سېسترالار قوغۇننى بالىغا ئاپىرىپ بەرسۇن، بالا قوغۇننى تېتىپ باقسۇن!».

   «بالا قوغۇننى يېگەندىن كېيىن، بەك تاتلىقكەن دېدى، سىز بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدى، ۋاڭ دوختۇر، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىز چوقۇم يەنە شىنجاڭغا سىزنى يوقلاپ كېلىمىز.» ۋاڭ فاڭ بالا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن بالىنىڭ ھاممىسىنىڭ ۋېيشىندا ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىنى، يەنە سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىغانلىقىنى، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆڭلى قوغۇن يېگەندىنمۇ تاتلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ھېرىپ كەتسىمۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاڭ فاڭ (ئوڭدا) بىلەن خىزمەتداشلىرى بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياتاققا قايتىپ ئارام ئېلىشقا تەييارلانماقتا.

   ئائىلەمدىكىلەرگە قارىغاندا ئاغرىقلار ماڭا تېخىمۇ موھتاج

   بۇ، ۋاڭ فاڭنىڭ 2-قېتىم كوللېكتىپقا باشلامچىلىق قىلىپ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە ئىشلىشى بولۇپ، تۇنجى قېتىملىقى چاغان مەزگىلى ئىدى.

   «ئەمەلىيەتتە، چاغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بىز ئىزچىل قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە ئىشلەۋاتىمىز، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دىياگنوز قويۇلىدىغان ئاغرىقلار ئازايدى، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇش بولدۇق» دېدى ۋاڭ فاڭ.

   ۋاڭ فاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دوختۇرخانىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە جەڭ مەيدانىدا، ھەر كۈنى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر بولىدۇ، ئاغرىقلارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىنكى كۆز يېشى، تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغان ئانىنىڭ بالىسىغا قىيماسلىقى، يەنە ئاغرىقلارنىڭ ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىدىن تەسىرلىنىشى...

   بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ۋاڭ فاڭ تاپشۇرۇۋالغان بىر ئۇچۇر ئۇنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. قىسقا ئۇچۇردا: «ۋاڭ دوختۇر، مەن تۈنۈگۈن سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن، يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، سىلەر يەنە جاپا تارتىدىغان بولدۇڭلار، چوقۇم ياخشى مۇداپىئەلىنىڭلار، چارچاپ قالماڭلار» دەپ يېزىلغانىدى.

   قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ۋاڭ فاڭ چاغان مەزگىلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر ھامىلىدار ئايالنى ئەسلىدى، بۇ ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تۇغۇلمىغان بوۋاققا تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى، «بىز ئۇنىڭغا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدۇق، ئۇنىڭ كەيپىياتى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى، ئاخىرى ساقايدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇرخانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بوشىنىپ، بىر ساغلام ئوغۇل پەرزەنت كۆردى».

   «كېيىن بالىغا <دېدې> دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى بىلدىم، ئۇنىڭ مەنىسى دوختۇر پەزىلىتى بولۇپ، بۇ ئانا بالىسىنىڭ دوختۇردەك كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشىنى، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇ، مېنى بەك تەسىرلەندۈردى، بۇ ھەم بىزنىڭ داۋاملىق چىڭ تۇرىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى.» ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: ئىشىنىش ۋە تاپشۇرۇقنى يەردە قويۇشقا بولمايدۇ.

   كېچە ۋاڭ فاڭ ئەڭ راھەت ھېس قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ، مەيلى خىزمەتنى قانچە كەچ ئاخىرلاشتۇرسۇن، ۋاڭ فاڭ قىزىنىڭ سۈرىتىنى كۆرەتتى، بەزىدە ۋېيشىندا ئۇنىڭغا سۆز قالدۇراتتى.

   «ئاتا-ئانام ھەر كۈنى ماڭا تېلېفون بېرىدۇ، ئېرىم بىلەن بالاممۇ مەن بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشىدۇ، ئۇلار <ئەنسىرىمەڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ھازىر ئاغرىقلار سىزگە تېخىمۇ موھتاج> دېگەن گەپنى ئەڭ كۆپ قىلىدۇ.» ۋاڭ فاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گېپىنى ئويلاپ داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى