تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيە ۋە كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۆۋەن چېكى ۋەزىپىسىگە چېتىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلمىگەن 559 نامرات كەنتكە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى، نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. يېرىم يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيە ۋە كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۆۋەن چېكى ۋەزىپىسىگە چېتىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتكەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قېتىم نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەم جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش يېتەكچىلىكىنى دائىملىق ياخشى تۇتتى. نامرات كەنت 1 - شۇجىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن يېزا - كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيەلەردە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 1538نى يولغا قويدى، پىلاندىكى سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىنغان 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى 207 يېزا بەخت قورۇسى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى، نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىندى؛ مەكتەپتىن چېكىنىشنى تىزگىنلەپ ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش ياردىمى ۋە تولۇقلىما داۋالاش سۇغۇرتىسىدا نامرات نوپۇسنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا. بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتتى، 1089 پۇقراۋى كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان كەنتلەر بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بەردى ۋە يۆلىدى. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ئون ناھىيەدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان نامرات نوپۇس بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىدىن ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون تۆۋەن كاپالەتلىك، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش بىرىكمە كۈچى تېز شەكىللەندى. بۇ يىلدىن بۇيان، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيەلەرگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يەتتە ئۆلكە، شەھەر 3 مىليارد 385 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 232نى يولغا قويۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان ناھىيەلەر 425 نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىنى بېكىتتى، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سوممىسى 1 مىليارد 212 مىليون يۈەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى