تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ!» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى، تەشۋىق - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى روشەن پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقچىل ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

«ئىقتىسادچىللىق ئېسىل پەزىلەت، ئىسراپخورلۇق ئەڭ ناچار ئىللەت.» 2013 - يىلىنىڭ بېشىدىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئىسراپچىلىق شامىلىنى جەزمەن قەتئىي توسۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، «تىرىشىپ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى» «ھاراق جوزىسىدىكى زىياپەت» قاتارلىق كادىرلار، ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي ئېنىقلاپ، رەتكە سېلىشتىن تارتىپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى تۈزۈپ چىقىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى چىقىمى ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش داۋامىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك ھادىسىلەرنى ھەقىقىي توسۇشقىچە؛ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق تېجەشلىك بولۇش ھەرىكىتىنى باشلاش، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشتىن تارتىپ، تائاملارنى پاكىز يەپ بولۇشتەك «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى قوزغاش، ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان تاماق ئۈستىلى يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقىچە، بىر قاتار كۈچلۈك تۈزەش تەدبىرلىرى يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىسىدە سەل ياخشىلىنىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت پۇلىغا چېتىشلىق يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، بىرقىسىم جايلاردا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىسى يەنىلا مەۋجۇت، بەزىلىرى ھەتتا كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئىستىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەمىز ئىلگىرى جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشقا تايىنىپ ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان، ھازىر بىز يەنىلا مۇشۇنداق ئىدىيە بىلەن خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.» پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىر تەرەپتىن تېجەشلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «غورىگىل تۇرمۇش» كەچۈرۈشتىكى مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. مەيلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى قايسى سەۋىيەگە يەتسۇن، مەيلى خەلق تۇرمۇشى قانچىلىك ياخشىلانسۇن، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش ئىدىيەسى ۋە روھىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن «جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىمىز، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك. ھازىرقى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلىدە، شەرەپلىك تارىخىي بۇرچ، ئۇلۇغۋار كۈرەش نىشانى، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ھەممىسى بىزنى جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشقا چاقىرماقتا.

يەنە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ، يەر بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل دۆلەت، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى بىلەن ئېھتىياجى ئارىسىدا جىددىي تەڭپۇڭ ۋەزىيەت يەنىلا ساقلىنىدۇ، ئاشلىق ئىسراپچىلىقى ئېلىپ كەلگەن بايلىق ئىسراپچىلىقى، مۇھىت بۇلغىنىشى مەسىلىسىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، ھەر بىر ئادەم، ھەربىر ئائىلە ئاشلىق تېجىسە ياكى ئاشلىق ئىسراپ قىلسا قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئوخشاشلا ئاز سان ئەمەس. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «گەرچە ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قارىتا يەنىلا باشتىن - ئاخىر كىرىزىس ئېڭى بولۇش كېرەك، بۇ يىل يەرشارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن تەسىر بىزگە يەنە ئاگاھ سىگنالى چالدى.» خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى شۇنچە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەم قىلچە بوشاشماي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاماق قاچىسىنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەم ئاشلىقنى تېجەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇپ خەلقنى بېيىتىپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش تاماملىنىدىغان يىل. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى بەش يىل. بىز بىرلىكتە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش يارىتايلى، ياخشى قەدەم ئالايلى.

(8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى