تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«رەھمەت ئېيتاي سىز ئاڭلاڭ» دېگەن ناخشا بىرىنچى سەپتىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ كۆزىنى نەمدىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): «رەھمەت ئېيتاي سىز ئاڭلاڭ، چۈنكى سىز بولغاچقىلا، مۇھەببەت بار دائىم قەلبىمدە. رەھمەت سىزگە، رەھمەت، بەختنى يەتكۈزىدىغان سىزنىڭ بولغىنىڭىزغا...» 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى تاۋيۈەن · جيۇديەن ياڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، كۆز ئالدىدىكى ئەستايىدىل ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزغا قاراپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالغان جياڭ خۇڭيۈنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى، «رەھمەت سىزگە، ياخشى بالام.»

  جياڭ خۇڭيۈ شىنجاڭ رۇەنجيەنيۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) رۇڭنەن مەھەللىسىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتىلدى. ئۇنى يىغلىتىۋەتكەن قىزچاق بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرگەن دودو ئىسىملىك قىز بولۇپ، ئۆيى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تاۋيۈەن جيۇديەن ياڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا ئىدى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ناخشا ئېيتىپ بېرىش دودو بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئويلاۋاتقان ئىش ئىدى» دېدى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى دودونىڭ دادىسى چيەن ۋېي. ئۆيدە ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار دائىم كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ كۆكتات ئەكىلىپ، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئەخلەت توشۇدى، كۆز ئالدىدىكى مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن خىزمەتچى خادىملارغا قاراپ، دودو ئۇنىڭدىن: «بەك ئىسسىقمۇ؟» «ئۇلارنى ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلساق بولامدۇ؟» دەپ سورايتتى. بىر كۈنى ئەتىگەندە دودو دادىسىغا: «مېنىڭ بىر سوۋغا تەييارلاپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتقۇم بار.» دېدى.

  ئاتا - ئانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، رەسىم سىزىشقا ۋە ناخشا ئېيتىشقا ماھىر دودو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى تاغا-ھەدىلەرگە بىر پارچە رەسىم سىزىپ سوۋغا قىلىشنى قارار قىلدى، «مەن يەنە ئۇلارغا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان <رەھمەت ئېيتاي سىز ئاڭلاڭ> دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرەي.»

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە، جياڭ خۇڭيۈ خىزمەتداشلىرى بىلەن دودو بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ماسكا تاقىۋالغان دودو ئۆزى سىزغان رەسىمنى جياڭ خۇڭيۈگە سوۋغا قىلدى. ئارقىدىنلا ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.

  سەبىي ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، جياڭ خوڭيۈ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

  «مەن بىر بالىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن <رەھمەت، بەختنى يەتكۈزىدىغان سىزنىڭ بولغىنىڭىزغا> دەپ ناخشا ئېيتقىنىنى ئاڭلىغىنىمدا، بۇ كۈنلەردە تارتقان جاپايىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» جياڭ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش تۈمەنلىگەن رەھمەتنى بېسىپ چۈشىدۇ.

  دودو جياڭ خۇڭيۈدىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. «ھەر قېتىم ئۇلارغا كۆكتات ئاپىرىپ بەرگىنىمدە، ئۇ ناھايىتى ئەدەپ بىلەن كۆكتاتنى قولىغا ئېلىپ < ھەدە جاپا چەكتىڭىز> دەيدۇ.»

  بىللە بارغان خىزمەتدىشى قىزچاقنىڭ ناخشا ئېيتقان كۆرۈنۈشىنى يان تېلېفوندا سىنغا ئېلىۋالغان ھەمدە ۋېيشىن توپىغا ئەۋەتكەن، كۆپچىلىكمۇ بۇ ئىللىقلىقتىن تەسىرلەنگەن.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى