تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بەردى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، جۇڭ نەنشەنگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېي (ئايال)لارغا «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامى بەردى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە زور بىر تۈركۈم تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. بۇ كۈرەشتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ سادىق، مەسئۇلىيەتچان، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى قانۇنىغا ئاساسەن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلارغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپىنى بېرىش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان قەھرىمانلارنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسى ۋە شانلىق ئوبرازىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھۆرمەتلىشى - قەدىرلىشى ۋە مىللەتنىڭ ئەستە ساقلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق؛ جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولىدىغان مىللەت پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.