تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ بۇيرۇقى

53-نومۇرلۇق

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ سادىق، مەسئۇلىيەتچان، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى:

1. جۇڭ نەنشەنگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى.

2. جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېي(ئايال)لارغا «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.