تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا سۈرئەتنى تېزلەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، شى شىن، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن

شەرقتە كەڭ ئىچكىرى رايونلارنى تۇتاشتۇرىدۇ؛ غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىشقا تەييارلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھەم قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۆمۈريول پورتى خەلقئارا تېز يوللانما مەركىزى قاتارلىق تۈرلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، سودا كارۋانلىرى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. لىققىدە يۈك قاچىلانغان پويىزلار بۇ يەردە توپلىنىپ يىراققا يول ئالغاندا، يېڭى يىپەك يولىدا «كولدۇرما» ئاۋازى توختىماي ياڭرىدى.

تەرتىپ ئەلالاشتى قاتناش قېتىم سانى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئاشتى

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 12دە، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىق ماللار قاچىلانغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا چېگرادىن چىقىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتكە قاراپ يول ئالدى. بۇ، بۇ يىلدىن بۇيان بۇ پورتتا چېگرادىن كىرگەن - چىققان 2000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا)نۆۋەتچى پويىزى.

«تاموژنا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت نۇرغۇن قولايلىق تەدبىر بىلەن تەمىنلىدى، بىز تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ناھايىتى تېزلا بېجىرىپ بولدۇق.» قورغاس جېندا خەلقئارا يۈك توشۇش ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى چىڭخۇي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىركەت تەخمىنەن 400 مىڭ توننا مال ئېكسپورت قىلدى.»

«بىز 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتۈش مەشغۇلاتى قىلىشتا چىڭ تۇردۇق ھەم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى ئىخچاملاپ، تېز سۈرئەتتە بېجىردۇق.» قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇڭ تېڭ مۇنداق دېدى: تاموژنىنىڭ يېڭى مال تىزىملىكى سىستېمىسىنى تۆمۈريولنىڭ رەقەملىك پورت سىستېمىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ماڭدۇرۇشنى ئادەم تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى سىستېما تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى %60تىن كۆپرەك ئۆستۈردۇق. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ۋوگزالدا توختاش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى ئوتتۇرىچە 12 سائەتتىن ئالتە - سەككىز سائەتكە قىسقارتتۇق.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىدىكى «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تاموژنىدىن ئۆتۈش» مەخسۇس كۆزنىكىدە 24 سائەتلىك ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەققى تۆۋەنلىتىلدى، يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش كەسپى دائىملاشتۇرۇلۇپ، سودا يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى.

«جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 5 - ئايدىن باشلاپ تېز ئەسلىگە كېلىپ، 6 - ئايدا 106 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيە ئەسلىگە كەلدى.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ كەي مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يىغىلىش مەركىزىدىن جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 410 قېتىم يولغا چىقىپ، %8.2 ھالقىسىمان ئېشىپ، يۈرۈشۈشى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى».

7 - ئايغىچە، يىغىلىش مەركىزى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارى 10 مىليون 9000 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.2 ئېشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارىنى 10 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش نىشانى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا مۇددەتتىن 44 كۈن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش

چېڭدۇدىن تىلبۇرگقىچە، ۋۇخەندىن دۇيسبۇرگقىچە، جېڭجوۋدىن ھامبۇرگقىچە؛ لودزدىن چېڭدۇغىچە، ھامبۇرگتىن جېڭجوۋغىچە، دۇيسبۇرگتىن جېڭجوۋغىچە.... ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسىدىكى چوڭ ئېكراندا، ھەرقايسى بېرىش - قايتىش سەپىرىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى يۈرۈش ئەھۋالى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆرۈنۈپ تۇراتتى، پويىز نومۇرى، ئامبار نومۇرى، مال رەت نومۇرى، بوش ۋاگون قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.

رەقەملىك تېخنىكىنى مەشغۇلات قىلىۋاتقان نۆۋەتچى پويىز بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسى ئەشيا ئوبوروتى يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۆمۈريول، پورت، تاموژنا قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇر يېگانە ئارىلىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەنبەدىن ئاخىرقى نۇقتىغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق ئۇچۇر زەنجىرىنى بەرپا قىلدى.

رەقەملەشكەن گېن قوشۇلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئامبار زاكاز قىلىش، مال قاچىلاش ۋە مالنى يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى. يۈك تىرانسپورت خېرىدارلىرى سۇپىدىن مەشغۇلات قىلىدىغان پويىزغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، پويىزغا مال قاچىلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇشقا ئائىت «بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى»نى توردا تاماملىيالايدىغان بولدى.

«ئىلگىرىكى ئېلېكتىرونلۇق خەلقئارا بىرلەشمە توشۇش تالونلىرى قولدا يېزىلاتتى، بىر دۆلەتكە بارغاندا شۇ جاينىڭ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىناتتى، بۇنىڭدا ھەم ۋاقىت دەخلىگە ئۇچرايتتى، ھەم ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلەتتى، يەنە پۇل مۇئامىلە خاراكتېرىنى ھازىرلىمىغانىدى.» جوۋ كەي مۇنداق دېدى: «قۇرۇقلۇق پورتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسىدا، ئامبار تالونى چېگرا سىرتىدا ئالماشتۇرۇلغاندا سىستېما ئارقا سۇپىسىدا ئاپتوماتىك كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ئۆسۈش بىلەن بىللە، يەنە تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى تۆمۈر يول ئامبار تالونى پۇل مۇئامىلە خاراكتېرىنى ھازىرلىدى، ئۇنى رەنىگە قويۇش ئىسپاتى قىلىپ، بانكىدىن قەرز ئالغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ».

جوۋ كەي مۇنداق بىلدۈردى: سۇپا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى مەيدان - ۋوگزاللاردا كېڭەيتىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋوگزالغا كەلگەن ھامان خالىغان ۋاقىتتا مال قاچىلاپ، مال چۈشۈرىدىغان، يولۇچى توشۇش ئەندىزىسىدە مال توشۇيدىغان توشۇش ئەندىزىسى شەكىللىنىدۇ.

ئىقتىدارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش

يىغىلىش مەركىزى بىلەن بىر يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئوچۇقچىلىقتىكى كەڭ يەردە، تۆمۈريول پورتى سودا ئىشلىرى سودا رايونى، خەلقئارا تېز يوللانما مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئالغا سىلجىتىلماقتا.

«خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى <مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش> ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىقتىدار سۇپىلىرىنى بەرپا قىلدى.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ خېخۇا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تۆمۈر يول پورتى سودا ئىشلىرى سودا رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىپ، 1 مىليارد 286 مىليون يۈەن سېلىنما ئورۇندالدى.

ئەگەر يىغىلىش مەركىزىنى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «ھەل قىلغۇچ قەدەم» دېسەك، ئۇنداقتا كەسىپلەر يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى «ياردەمگە موھتاجلارغا ياردەم بېرىش، يەنە بىر مەزگىلگىچە غەمخورلۇق قىلىش»تىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم دېيىشكە بولىدۇ. «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى لايىھەسى(2020 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە)»گە ئاساسەن، شىنجاڭ بەش يىلدا، زامانىۋىلاشقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخنىكىسى ئىلغار، ئىدىيەسى ئىلغار، باشقۇرۇشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۈرۈشۈشى ماسلاشقان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.

بۇ يىل تەستىقلانغان جۇڭگو (ئۈرۈمچى) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا تايىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت سىياسىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تور ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى تاماملاندى ھەم شىنجاڭدا توردا مال سېتىۋېلىش بويىچە تۇنجى باجدىن خالىي ئىمپورت قىلىش سىنىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسى (9610)دا ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار 1 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئاشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تاشقى سودا كەسپى پۈتۈن گەۋدىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئاشتى. نۆۋەتتە، يۈزگە يېقىن داڭلىق سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا ماكانلىشىپ، 10 مىليارد يۈەنلىكتىن ئاشىدىغان سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنىڭ ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

قاتناش تۈگۈن نۇقتىسىدىن تەرەققىيات تىرەك نۇقتىسىغىچە، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىدىن ئىقتىساد - سودا سۇپىسىغىچە، يىغىلىش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، خەلقئارا سودا، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت، ئىلغار ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش بىلەن بىللە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 15 سانائەت باغچە رايونى بىلەن پائال بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى