تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ! «بىلەرسىزمۇ بۇ تائاملار جاپالىق ئەجىرنىڭ ھوسۇلى.» گەرچە ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قارىتا يەنىلا باشتىن - ئاخىر كىرىزىس ئېڭى بولۇش كېرەك، بۇ يىل يەرشارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن تەسىر بىزگە يەنە ئاگاھ سىگنالى چالدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ بىلىدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئىزچىل ھالدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە «تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» جەمئىيەت كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلدى، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. 2013 - يىلى 1 - ئايدا، شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قاتتىق تۈزۈم چەكلىمىسى، قاتتىق تۈزۈم ئىجراسى، كۈچلۈك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، قاتتىق جازالاش مېخانىزمى ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش داۋامىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك ھادىسىلەرنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى ھەم بىرقىسىم مەكتەپلەردە ساقلانغان يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېجەشلىك ئېڭى كەمچىل بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، ھەقىقىي تۈردە يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشتەك ياخشى گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ھۆججەت چىقىرىش، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسراپچىلىق شامىلىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىدى، «يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى» ھادىسىسىدە سەل ياخشىلىنىش بولدى، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىشتىكى ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى جايلاردا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ھادىسىلىرى يەنىلا ساقلانماقتا، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.