تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەنى زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان يېشىللىقنى بارلىققا كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

لەيلىلىك تۇرنىلار باركۆل يايلىقىدا دانلىماقتا (2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سۇلۇق يەر، كۆللەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى، كۆپىيىشىنى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى.

(داۋۇت رىشات فوتوسى)

8 - ئايدىكى سايرام كۆلى ئاسمىنىدا بۇلۇتلار راھەت ئۈزۈپ يۈرەتتى، كۆك ئاسمان سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئاق قۇلارنىڭ بىر كۈچىيىپ، بىر پەسىيىپ سايرىغان ئاۋازىدىن ھاياتىي كۈچ نامايان بولۇپ تۇراتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بىپايان كەڭ تۇپراقتا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۆرۈنۈشىنى بارغانسېرى روشەنلەشتۈردى.

تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى زورايتتى

دەريا ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، ئېرىق - ئۆستەڭ شىلدىرلاپ ئاقىدۇ. قۇرغاق، ھۆل - يېغىن ئاز بولغان شىنجاڭدا سۇ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم تەبىئىي ئامىل.

يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە ئاقسۇ دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريا ئاقسۇنىڭ شياۋجياكې رايونىدا ئۇچرىشىدۇ، تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. 1321 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئىلگىرى قۇرۇپ كەتكەن تۆۋەنكى ئېقىندىكى تېتىما كۆلىنىڭ سۈيى بۈگۈنكى كۈندە دولقۇنلاپ كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ، 20 يىل سىجىل ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تېتىما كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى نەچچە يۈز كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆلگە ئايلاندى.

2019 - يىلىغىچە، تارىم دەرياسىنىڭ داشىخەيزى كەسمە يۈزىدىن تۆۋەن ئېقىنغا قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇ جەمئىي 8 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى، پەقەت 2012 - يىلىدىن كېيىن جەمئىي 4 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىرغا يېقىن ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى. ئىلگىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراقلىق ئېكولوگىيە كارىدورى بۈگۈنكى كۈندە ھاياتىي كۈچكە تولدى.

ئېبنۇر كۆلى، ئىلى دەريا ساھىلى، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، شەرقىي تىيانشاننىڭ ئىككى تەرىپىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر يۈزبەرمەكتە. بۇ قىممەتلىك سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنى تەڭشەپ كېمەيتىشتىن كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى ۋە سۇغىرىش كۆلىمىنى چېكىندۈرۈپ كېمەيتىش كۆرسەتكۈچىنى ھەربىر يېزا - بازار ۋە ھەربىر دەرياغا بۆلدى.

قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەردە سۇ ھوقۇقى سودا سۇپىسى ئارقىلىق، سۇ ئىشلىتىش نورمىسى ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئوخشاش بولمىغان كەنتلەر ئارىسىدا ئۈنۈملۈك يۆتكىلىش ۋە تەڭشەشنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتتىن ئارتۇقچە سۇ تەلەپ قىلىنمايدىغان بولدى؛ 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 40 مىليون مودىن ئاشتى؛ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا سانسىزلىغان قانۇنسىز توك قۇدۇقلىرى تاقالدى، تىندۇرۇۋېتىلدى؛ شەھەر، يېزا، كەنتلەردە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

بارلىق مېخانىزم، ئىدىيە ۋە تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش پەقەت بىرلا ئىش ئۈچۈن: سۇنى تېجەپ تەبىئەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

«بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تاغ ئېغىزىدىن چىقىدىغان كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان 88 دەريانى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دەريالارنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئېقىن مىقدارىنى بېكىتىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېكولوگىيەلىك سۇ ۋەكىللىكىدىكى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم ئامىل مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوغداشنى يولغا قويۇش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

تەبىئىي مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە ئاسرىدى

شۇڭقار قانات قېقىپ بۇلۇتنى يېرىپ ئۆتىدۇ، ياۋا قوتازنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 51 خىل ھايۋان ۋەكىللىكىدىكى سانسىزلىغان ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى خاتىرجەم تاماملىماقتا.

ھايۋانلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئىنسانلارنىڭ قوغدىشىدىن كېلىدۇ. مۇھاپىزەت رايونىدا يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلەنگەن. 2018 - يىلى «ھەممىنى تاقاش، دەرھال چېقىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزدىن تاماملاش» تەلىپى بويىچە، مۇھاپىزەت رايونىدىكى توققۇز ئورۇندىكى كانچىلىق كارخانىسىنىڭ ھەممىسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى تاماملىدى. ھازىرغا قەدەر، ئالتۇنتاغ مۇھاپىزەت رايونىدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھېچقانداق قۇرۇلۇش يولغا قويۇلمىدى.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى بىر قېتىملىق ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋا قوتاز، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، شىزاڭ بۆكىنىنىڭ ئومۇمىي سانى ھازىرقى 100 مىڭ تۇياق ئەتراپىغا مۇقىملىشىپ، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىكى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلگەندەك ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت ئورنىدىن 221ى بار بولۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئورمان باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى، گېئولوگىيە باغچىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش رايونى قاتارلىق يەتتە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 240 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ، ئىچكىرى رايونلاردىكى نۇرغۇن ئۆلكىنىڭ كۆلىمىدىنمۇ چوڭ.

تۈزۈم قۇرۇلۇشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بىلەن تېخىمۇ قاپلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش، سودىلىشىش، يېيىشتەك بارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي چەكلىدى. ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان يىغىش، قالايمىقان كولاشقا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، 700 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋان، 4000 خىلدىن ئارتۇق ياۋا ئۆسۈملۈكنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ۋەكىللىكىدىكى دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ سۇغا قاراپ كۆكەرتىلىدىغان كۆلەمنى بېكىتىپ، سۇ مىقدارىغا ئاساسەن يولغا قويۇش، غوللۇق دەرەخ ئۆستۈرۈشكە باب كەلسە غوللۇق دەرەخ ئۆستۈرۈش، چاتقال ئۆستۈرۈشكە باب كەلسە چاتقال ئۆستۈرۈش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە باب كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، 11 مىليون 130 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىپ، 8 مىليون 90 مىڭ مو كۆلەمدىكى قۇملاشقان يەرنى دائىرىلىك مۇھاپىزەت قىلىپ، 24 مىليون 660 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەشنى تاماملىدى. 690 مىليون مو يەرگە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 11 مىليون مو ئوتلاقنى قاشالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، 60 مىليون مودىن ئارتۇق سۇلۇق يەرنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى.

قوشۇمچە ئارىلىشىش

تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشكە كۈچ قوشتى

ياز كۈنلىرى چۈشتە، ئېبنۇر كۆلىدە ئىسسىق دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە تەۋرىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما قاش قارىيىشى بىلەن، غاز بوغۇز بۆكەن ئاستا - ئاستا سەكرەپ چىقىدۇ، قىزىل تۈلكە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭىدۇ، قۇشلار سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، يول - يول ئالتۇن رەڭ دولقۇنلارنى قالدۇرىدۇ.

«مۇھاپىزەت رايونىدا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت قىلىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.» ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياۋ شۇيىن مۇنداق دېدى: «ياۋايى ھايۋانلار، بولۇپمۇ قۇشلارنىڭ سانى مۇناسىپ ھالدا كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.» نۆۋەتتە ئېبنۇر كۆلىدىكى قۇشلارنىڭ تۈرى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 111 خىلدىن 267 خىلغا كۆپەيدى، كۆزىتىلگەن قۇشلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليوندىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېبنۇر قېيىنى، ئېبنۇر جۇزغۇنى قاتارلىق ئۆزگىچە تۈرلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كەلدى.

ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىلسىلا، ھاياتلىقنىڭ ئۆزىگە خاس چىقىش يولى بولىدۇ، شىنجاڭ دەل شۇنداق. بىپايان ئوتلاقتا چارۋىچىلارنىڭ قوي - كالىلىرى كۆچۈپ ئايرىلدى، يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۆرلەپ، ئوتلاقلار جانلاندى؛ چەكسىز كەتكەن چۆللۈكتە قاشالار چېگرانى قوغدىدى، پەقەت چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارلا بار بولۇپ، يۇلغۇن، سۆكسۆكلەر كۈندىن - كۈنگە بۈك - باراقسان ئۆستى؛ تۇتاش كەتكەن تەبىئىي ئورمان رايونىدا دەرەخ كەسكۈچىلەر ئورمان قوغدىغۇچىلارغا ئايلاندى، ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا شەمشادلار ئاسمانغا تاقىشىپ، يىلپىز، ئېيىقلار بىمالال يۈرىدىغان بولدى؛ ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن سۇلۇق يەردە سۇ مەنبەسىنى تولۇقلاش سىجىل كۈچەيتىلدى، ئاق قۇلار ئويناقشىپ، سۇ ھورى كۆتۈرۈلدى.

«تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش ئاساسلىق ۋاسىتە.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «ئەمما كىشىلەر ئاچقۇچلۇق قوشۇمچە ياردەم خاراكتېرلىك ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشكە ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچ قوشتى».

2016 - يىلىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋىنىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش بىلەن بىللە، لىنىيە بويىدىكى توغراقلىققا سۇ تولۇقلاش باشلاندى. 2019 - يىلىلا ئېقىن مەنبەسى ۋە تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى توغراق ئورمان رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش مىقدارى 2 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىرغا، سۇ بېسىپ كەتكەن توغراقلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆلىمى 7 مىليون 120 مىڭ موغا يەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، تارىم دەرياسى قايتا ھاياتىي كۈچكە تولغان مىليونلىغان توغراق بىلەن قاپلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ دەريا بويى پاسىلى مەھكەم ساقلاندى.

شىنجاڭدا تەبىئىي ئورمانلارنى تاۋار خاراكتېرلىك كېسىش ئۇدا 15 يىل توختىتىلدى، 60 مىليون موغا يېقىن تەبىئىي مۇھاپىزەت قۇرۇلۇشى رايونىدا، ئوتتۇرا ھال، كىچىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. ئېكولوگىيەنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشى بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش رايونىدىكى ئورمان كۆلىمى 31 مىليون 420 مىڭ مودىن 34 مىليون 330 مىڭ موغا كۆپەيدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25.66تىن %28.94كە ئۆستى، دەل - دەرەخلەرنىڭ ساپ ئېشىشى 22 مىليون 480 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، ئورمان كۆلىمى، ئورمان زاپىسى ۋە ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىدە ئۈچ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2011 - يىلىدىكى %4.24تىن %4.87كە ئۆستى.

ھەربىر قەدەم تېخىمۇ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈندۇر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتلىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈ تۇرغۇزدى، تەبىئەتكە تىنچلىق، ئىناقلىق، گۈزەللىكنى قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى