تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

8-ئايدىكى يۈخۇ كۆلىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان موڭغۇلكۈرەدىكى يۈخۇ كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنۋۇ خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئايدىكى شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە يۈخۇ كۆلى كىشىنى ئالاھىدە مەپتۇن قىلىدۇ، ئەگرى-بۈگرى كۆل سۈيى يىراقلارغا سوزۇلغان بولۇپ، كۆل سۈيىنىڭ ئۆزگىرىشچان رەڭگى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلىدۇ.

  موڭغۇلكۈرەدىكى يۈخۇ كۆلىنىڭ سۈيى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مۇزارت مۇزلۇقىدىن كېلىدۇ، مۇزلۇقنىڭ مۇز يالىشىدىن ھاسىل بولغان گرانت تاش پارچىلىرى بېسىلىپ سىلىقلىنىپ ئاق رەڭلىك ئۇۋاق ھالەتكە كېلىپ، مۇز قاتلىمىنىڭ ئىچىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ، پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدە ئاق رەڭلىك ئۇۋاقلار ئارىلىشىپ كەتكەن مۇزلۇقلار ئېرىپ، كۆپ مىقداردىكى سۈت رەڭلىك مۇزلۇق سۈيى ۋە يامغۇر سۈيى جىلغىغا كىرىپ، يۈخۇ كۆلىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئاقياز دەرياسىغا ئېقىپ كىرىدۇ، ئاقياز دەرياسىنىڭ سۈت رەڭلىك سۈيى داۋاملىق تۆۋەنكى ئېقىنغا يىغىلىپ، يۈخۇ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، يۈخۇ كۆلىدىكى ئۇۋاق قۇم دانىچىلىرى چۆكمىگە چۈشكەندىن كېيىن، كۆل سۈيى ياپيېشىل تۈسكە كىرىپ، قۇياش نۇرىدا خۇددى زۇمرەتتەك كۆرۈنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى