شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى ئالما كەسپىنى باشلامچى قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتتى. نۆۋەتتە، بۇ شەھەرنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى 800 مىڭ موغا يېقىنلىشىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 20 نەچچە يېزا-بازارنى قاپلىدى، باغۋەنلەرنىڭ ئالمىدىن قىلىدىغان يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق باغۋەننىڭ ئالما كەسپىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، شەھەرنىڭ يېرىمىدا ئالما تېرىلىدىغان «ئالما شەھىرى» ۋۇمېڭ تاغلىق رايونىدا جاسارەت بىلەن قەد كۆتۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى
8-ئاينىڭ 8-كۈنى، جاۋتۇڭ چاۋيۆ ئون مىڭ مولۇق ئالما بازىسىنىڭ ئىشچىسى جېن چۈەنمى ئالمىلىق باغدا ئەمگەك قىلماقتا.
يۈننەن جاۋتۇڭدا، پىشىپ بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئالمىلار شاخلارغا لىق تولغانىدى (8-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).
8-ئاينىڭ 8-كۈنى، باغۋەن جاۋتۇڭ سايۈ بازىرىدىكى بىر ئالمىلىق باغدا ئەمگەك قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى، بالىلار جاۋتۇڭ شەھىرى جاۋياڭ رايونى سايۈ بازىرىدىكى ئالمىلىق باغدا ئوينىماقتا.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جاۋتۇڭ چاۋيۆ ئون مىڭ مولۇق ئالما بازىسى (ئۇچقۇچسىىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).