تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن) 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 26-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
«بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سىمابلىق ئەينەك تېرمومېتىرنى ئىشلەتكەندە چوقۇم بەش مىنۇتتىن ئارتۇق ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش جەريانىغا ۋاقىت كېتىدۇ، پۈتۈن ئۆلچەش جەريانى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەنگە تېگىشىدىغان شەكىلدە بولغاچقا، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، بىز ھەممىمىز ئۇچراشمايدىغان تېز سۈرئەتتە تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابىنى سەپلەپ ئاساسىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى تولۇق تەكشۈردۇق.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن.
مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆلچەيدۇ، ئىشلىتىۋاتقىنىنىڭ كۆپىنچىسى «ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى»،ئۇنىڭ رەسمىي ئاتىلىشى «ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى». ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئادەم بەدىنىدىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنى ئۆلچەش ئەسۋابىغا فوكۇسلاش بولۇپ، ئۆلچەش ئەسۋابى رادىياتسىيە قۇۋۋىتىنى ئېلېكتىر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئېلېكتىر سىگنالى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تەرىپىدىن تولۇقلانغاندىن كېيىن، تېمپېراتۇرا بىرلىكىدە كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى ئادەم بەدىنىگە ئىنفىرا قىزىل نۇر تارقاتمايدۇ، بەلكى بەدىنىمىز چىقارغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، كۆز ۋە بەدەنگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.
ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئۇسۇلىدا ھەقىقىي تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ئۆلچىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ رادىياتسىيە قويۇپ بېرىش نىسبىتى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆلچەش ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەنگەن مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى، خادىملارنىڭ مەشغۇلاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلچەش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، دەللىك دەرىجىسى ۋە توغرىلىق دەرىجىسى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېمپېراتۇرا ئۆلچەش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرغاندىلا، ئۆلچەنگەن تېمپېراتۇرا سانلىق قىممىتى ئىمكانقەدەر توغرا، ئىشەنچلىك بولىدۇ.