تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

غوپۇر ياسىن كالا بېقىپ «قالتىس بايلىق»قا ئېرىشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل خەۋىرى): بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى بۇلاقبېشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى غوپۇر ياسىن كالا بېقىش ئارقىلىق «قالتىس بايلىق»قا ئېرىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «بېيىش ماھىرى»غا ئايلاندى.

ئالدىنقى يىللاردا، غوپۇر يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، خوتۇنى، ئوغلىمۇ ئارقا-ئارقىدىن كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، كەنت تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

2012 ـ يىلى، كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرلىرى غوپۇرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

غوپۇر خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارغا «باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ناھايىتى ياخشى بېيىش يولى، لېكىن مەندە مەبلەغ ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل» دېدى. بۇ چاغدا، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئۇنىڭغا ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل سىياسىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەم كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئاخىرى، غوپۇر كالا بېقىشقا بەل باغلىدى.

قىلىمەن دەپلا قىلدى، غوپۇر يېزا-ئامانەت قەرز كوپىراتىپىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، بەش تۇياق سىيىرنى كۆڭۈل قويۇپ باقتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىنەك موزايلىدى، غوپۇر بۇقىنى سېتىۋېتىپ قەرزىنى قايتۇردى. كېيىن كەنت ئۇنىڭغا بىر دانە نامراتلارنى يۆلەش كالىسى ۋە ئالتە تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىپ بەردى. باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ يىلدىن-يىلغا ئاشتى.

«2013-يىلىدىن باشلاپ، مەن نامراتلارنى يۆلەش توخۇسى، نامراتلارنى يۆلەش قويى، نامراتلارنى يۆلەش كالىسى بېقىپ، دۆلەتنىڭ كۆپ خىل ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇم.» غوپۇرنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.

بۇ يىل، غوپۇر ئائىلىسىنىڭ بىر قەۋەتلىك ئۆيى چېقىلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ چېقىش-كۆچۈرۈش پۇلىغا يەنە بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك كالا سېتىۋالدى ھەم كەنتنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە باقمىچىلىق رايونىنى ئايرىدى.

ھازىر، غوپۇرنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، 65 تۇياق كالىسى بار بولدى. «مېنىڭ ھازىر كالا بېقىشتا تەجرىبەم بار، كېلەر يىلى ئەتىيازدا موزاي تۇغۇلغاندىن كېيىن، تۆت ئاي ئەتراپىدا بېقىپ ئاندىن ساتىمەن، ھەربىر تۇياق كالىدىن 8000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن!» دېدى غوپۇر خۇشال ھالدا.

غوپۇرنىڭ خوتۇنى پاتىگۈل سەيپۇل بىكار تۇرمايدۇ. بۇ يىل 8-ئايدا، ئۇ كەنتتىكى يۇيۇش زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئايلىق مائاشى 1500 يۈەندىن ئاشتى. «ئېرىم ھەر ئايدا دورا ئۈچۈن 800 يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەيدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كارتىسى بېجىرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىر قىسىم ياردەم پۇل بەردى، ھەر ئايدا خېلى كۆپ پۇلنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى!» دېدى پاتىگۈل ھاياجانلانغان ھالدا.

بۈگۈنكى كۈندە، غوپۇر ئائىلىسى نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى ئۈزۈل-كېسىل چۆرۈپ تاشلاپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. غوپۇر باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى