تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي): بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كەسپىي تېخنىكلارنىڭ ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى يولغا قويۇپ، ئۇنۋانغا توردا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، باھالاپ تەكشۈرۈش ۋە كىنىشكا تارقىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نازارەت بېسىپ تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان: «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنۋانغا ئېرىشكەن كەسپىي تېخنىكلارغا ئاپتونوم رايون ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىدۇ؛ 2019-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇنۋان ئالغانلارغا قارىتا، قەغەز نۇسخىدىكى ئۇنۋان كىنىشكىسى ۋە ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى تەڭ باشقۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن ئۇنۋان ئالغانلار «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى» (قىسقارتىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى دېيىلىدۇ) (/https://www.xjzcsq.com) ئارقىلىق «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى»نى چۈشۈرۈۋالسا ياكى بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدىكەن.

  ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىگە ئىككىلىك كود، ئېلېكتىرونلۇق تامغا قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق رەقەملەشكەن ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىرى تەسىس قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى (/http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تور ئىشخانا سۇپىسى «新疆智慧人社 APP»سى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333 ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىسپاتلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى بىلەن ئەسلىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قەغەز نۇسخىدىكى ئۇنۋان كىنىشكىسى تەڭ دەرىجىدە كۈچكە ئىگە. ئەسلىدىكى قەغەز نۇسخىدىكى كىنىشكىسى يىتىپ كەتكەن بولسا، كىنىشكا ئىگىسى باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدىكەن ھەم قاراشلىق جاينىڭ پىرىنسىپى ياكى يۈرۈشلۈك (كەسپى) بويىچە ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىگە تامغا باستۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ سىرتىدىكى ئورۇن (شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لاردىن باھالاپ كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندا يەنىلا شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرگۈزۈلگەن (يۆتكەلگەن) خادىملارغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئالغان ئۇنۋانى ئۇنۋان باھالاپ تەكشۈرۈش ھوقۇق چېكىگە ئاساسەن قايتىدىن باھالاپ تەكشۈرۈلىدۇ ياكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  «چارە»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئېلېكترونلۇق كىنىشكىنى  چوقۇم قاتتىق ئۆلچەم بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، قالايمىقان ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ھەم ئۇنۋان باھالاپ تەكشۈرۈش سەمىمىيەت ئارخىپى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى