تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جۇڭمىڭ، لى ۋېنۋۇ فوتوسى، خەۋىرى): 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، چارۋىچىلار توپ-توپ قويلىرىنى ھەيدەپ دەريادىن ئۆتمەكتە. موڭغۇلكۈرە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە تارماق ئېقىنى جىلغىسىغا جايلاشقان، سۇلۇق يەرنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول، ئارغىماقلار توپ-توپ بولۇپ، تەبىئىي ياخشى يايلاق ھېسابلىنىدۇ. باش كۈزدە، موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى بۇلۇتلار قاپلاپ، چارۋىچىلار ئارغىماق ۋە قويلىرىنى ھەيدەپ دەريادىن ئۆتۈپ، مۇنبەت چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ چېپىپ، گۈزەل يايلاقتا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى.
ئوت-چۆپلىرى قويۇق ئۆسكەن، سۈيى ئەلۋەك موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/08/12 14:25
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.