تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىندى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، ليۇ شياڭ، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

2014 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولدى، يادرولۇق رايون تەرەققىياتى كىرىزىس ئىچىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ يېتىلدۈردى.

نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلاندى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى توشۇشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش... ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 7 - ئايدا، گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 110ى قاتناپ، 6 - ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %3.8 ئاشتى.

يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىن 200 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۈگۈن نۇقتىسى بولغان بەش شەھەرنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بەردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلىشىغا ئەگىشىپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلار پۇختا، ئىنچىكە «سىزما رەسىم»نى سىزماقتا.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ يۆگىمە رەسىمدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسى سىستېمىسى ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۈرۈش سىستېمىسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان، تاموژنا رايونى ھالقىغان، مەيدان - ۋوگزال ھالقىغان، شىركەت ھالقىغان يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. قۇرۇقلۇق پورت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، تۆمۈريول پورتى سودا ئىشلىرى سودا رايونى، خەلقئارا تېز يوللانما مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئالغا سىلجىتىلدى، 1 مىليارد 286 مىليون يۈەنلىك يىللىق سېلىنما ئورۇندالدى.

قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭدى. بۇ يىلدىن بۇيان، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى مۇقىملىشىپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى لايىھەسى (2020 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويدى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى ۋە پورت ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى؛ بەش چوڭ مەركەزنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنى باھالاش، تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، قورغاس ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىمۇ چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلۈۋاتىدۇ.

«ۋاقتى كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىدا باش پىلان يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىدىغان، ئوتتۇرىدا باھالاش كۆرسەتكۈچى تەكشۈرۈپ باھالىنىدىغان، تۆۋەندە <بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى> مەخسۇس يىرىك پىلانى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان سىياسەت يىرىك پىلان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماۋ خۇي.

ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش تېزلىتىلدى

بەش يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىغا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇش تاماملاندى، شىنجاڭدىن چىقىدىغان بۇ يېڭى تۆمۈريول چوڭ يولى قۇرۇلۇشى ئاخىرقى كۈچەش مەزگىلىگە كىردى.

ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»غا سىڭىشىشنىڭ ئاساسى، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تومۇرى.

«گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە بېرىشتىكى قولاي تۆمۈريول، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى رايونلارنىڭ ۋاقىت - بوشلۇق ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ماۋ خۇي.

ئۇنىڭ تېخىمۇ زور ئەھمىيىتى شۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ رايون يول تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلار ئارا يېڭى يول بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ جەنۇبىي يولىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلايدۇ.

شىنجاڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان، شەرق بىلەن غەربنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۈگۈن ئورۇنغا جايلاشقان. شۇڭا، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا سىڭىپ كىرىشنى تېزلىتىش شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنى قۇرۇشىدىكى مۇھىم قارالما.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريولى يول تورى قۇرۇلۇشى تۈرىدە جەمئىي يەتتە تۈرگە مەبلەغ سېلىندى، پۈتۈن يىلدا 13 مىليارد 967 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باركۆل - مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئۇلاستاي - تايكېشكېن تاشيولى قاتارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ قۇرۇلۇش قىلىنغان تېكەس - موڭغۇلكۈرە 1 - دەرىجىلىك تاشيولى، G578 - لىنىيەسىنىڭ دۆڭمازار - نىلقا بۆلىكى، G219 - لىنىيەسىنىڭ دولاتا پورتى - موڭغۇلكۈرە بۆلىكىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

كېرىيە، موڭغۇلكۈرە، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن ياسىلىپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ، قەشقەر، تۇرپان ئايرودۇرۇمى ھەم شىخەنزە ئايرودۇرۇمى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ ياسىلىپ، ئۇچۇش رايونىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىتىلدى.

تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان ۋە جۇڭگو - پاكىستان خەلقئارا نۇر كابېلىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئېچىش خىزمىتى تاماملىنىپ، چېگرا ھالقىغان نۇر كابېل 19غا يەتكۈزۈلدى؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىدىن قۇرۇش تۈرلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ يولى تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنى ئىچكىرى رايونلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چوڭ يولى راۋانلاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ چوڭ يولى راۋانلاشتۇرۇلدى... ئۇنىۋېرسال قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ زور بىر تۈركۈم كارخانىلىرى زەنجىرسىمان يۆتكىلىش، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش، باغچىلاشقان تىجارەت قىلىش ئارقىلىق «سىرتقا چىقىپ»، خەلقئارا بازاردا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.

ھەمكارلىق، ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلاشتى

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە خەلقلەر ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا باغلىق، خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى قەلبلەرنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشتا، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى كەم بولسا بولمايدۇ.

بۇ يىل يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى، ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون سىرتقا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىن ئۈچنى تەشكىللەپ پاكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئەۋەتىپ، شۇ جاينىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت بەردى. «مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ياردەمگە ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى، خۇارېن - خۇاچياۋلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ گاڭچياڭ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا قاتارلىق بەش داۋالاش ئاپپاراتى خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەللىك ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچىپ بەردى.

ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق تەرەققىيات مۇھىم ئامىللىرى توپلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى، كېڭەيدى.

پەن - تېخنىكا جەھەتتە، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانى تېز يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو - قازاقىستان مېۋە - چېۋە، كۆكتات بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزى 350 مو كۆلەمدىكى ئۇرۇق پىلازمىسىنى تاللاش ۋە كېڭەيتىپ كۆپەيتىش بازىسى، جۇڭگو - قازاقىستان مېۋە - چېۋە، كۆكتات پىششىقلاش بىرلەشمە تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى، 35 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كەسىپلەشكەن پىششىقلاش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

مائارىپ جەھەتتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» مائارىپ ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بىلەن گىرۇزىيە كۇتايسى داشۆسى بىرلىكتە «خەنزۇ تىلى مەركىزى» قۇرۇپ، خەنزۇ تىلىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى.

يادرولۇق رايوننىڭ پۇل مۇئامىلىدىكى تىرەكلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قازاقىستان، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 103 دۆلەت ۋە رايون بىلەن خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ كىرىم - چىقىم قىلىش كەسپى قانات يايدۇرۇلدى، كىرىم - چىقىم ئومۇمىي سوممىسى 241 مىليارد 183 مىليون يۈەنگە يەتتى، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان بانكىلار شىنجاڭ كارخانىلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى بانكىلارغا بېجىرىپ بەرگەن تۈرلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنىڭ قالدۇق سوممىسى 26 مىليارد 970 مىليون يۈەن بولدى.

كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈلۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى، تېخىمۇ كەڭ قورساق كۆڭلى - كۆكسى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلىرى ئارقىلىق يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئۈمىدكە، تەسەۋۋۇرغا تولغان يېڭى زېمىنغا يۈزلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى