تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىلمىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قەشقەر شەرقىي يولىغا جايلاشقان بىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر ھېكىم يەنە بىر قېتىم مۇداپىئە كىيىمى كىيدى. شۇ كۈنى، ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتىنىڭ 15 ئەزاسى بۇ مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى 40 كىشىدىن نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئالدى.

«3 - دەرىجىلىك مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، بىز تېببىي ئۆلچەملىك مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ ۋە ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملىدۇق.» ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ئەۋرىشكە ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەۋرىشكىنى تۆت سېلسىيە گىرادۇسلۇق كۆپۈك ساندۇققا سېلىپ سوغۇق زەنجىردە توشۇدۇق، ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم يەتكۈزۈپ، ئەۋرىشكە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلگەن مەھەللە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش باشلاندى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدىكى 400گە يېقىن دوختۇر - سېسترادىن تەركىب تاپقان 25 نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ياردەم بېرىشكە كەلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترەتلىرى ئارىلاشما ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرى بولۇپ تەشكىللىنىپ، مەھەللە، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئالدى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىدىمۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئالدىن تەييارلانغان سىزىقلىق كود بىلەن «يۈرۈشلەشكەن» ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىنىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يەنئەن شەرقىي يولى مەھەللىسى چېنگۇاڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتى ئاھالىلەردىن نوكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىۋاتاتتى. بىر كۈن ئىلگىرى مەھەللە يوللىغان ئاساسىي ئۇچۇرغا ئاساسەن ئالدىن تەكشۈرۈش سىزىقلىق كودى ياسالغاچقا، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتى ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە تېزلىكتە يۇقىرى ئۈنۈمدە كىرىشىپ كەتتى.

«بىز ئەۋرىشكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئادەم سانىغا ئاساسەن سىزىقلىق كود سانىنى تەقسىملەيمىز، ھەربىر مەھەللىنىڭ نومۇرى بىردىنبىر نومۇر بولۇپ، ھەربىر كود نومۇرى تىزىملىكتىكى بەش ئادەمگە ئۇدۇللىشىدۇ ھەم بىردىنبىر نومۇر ھېسابلىنىدۇ. ئەۋرىشكە ئالغان كۈنى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئالدىن تەييارلانغان سىزىقلىق كود بىلەن شەخسىي ئۇچۇرنى ئۇدۇللاشتۇرسىلا بولىدۇ.» ئەۋرىشكە ئېلىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شۈ جۈفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئۇسۇل نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئەۋرىشكىنى تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى توغرا سۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى(شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر) بى فاڭفاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قوزغاتقاندىن بۇيان، بۇ دوختۇرخانا ھۆكۈمەت، دوختۇرخانا، مەھەللە «ئۈچ دەرىجە»لىكنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى ئارقىلىق، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرگەن.

«دوختۇرخانىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەسئۇللار ھەر كۈنى ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، كۈندىلىك ۋەزىپىنى تاماملاش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەۋرىشكە ئېلىنغان كۈنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى خادىملارنى تەشكىللەش، ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ تەقسىملەش، ئەۋرىشكە ئېلىش، يۆتكەپ توشۇش، ئايرىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت ۋە توسۇق نۇقتىلارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا رەتلەپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى سۈپەت ۋە سانغا كاپالەتلىك قىلىپ تاماملىدى» دېدى بى فاڭفاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى