تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بېيدوۋ»نى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئېنېرگىيە قوشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان بېيدوۋ ئاقىل نېفىتلىك سانلىق مەلۇمات يوللاش سىستېمىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھىنىڭ بوشلۇق، رايون، مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، نېفىتلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى توسالغۇسىز يىغىش، قايتۇرۇپ يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نېفىتلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.» 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ شىنچاڭيۈ ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بى يەنبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يۈرۈش سىستېما قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ شۈنبېي نېفىتلىك - گازلىقى 5 - نومۇرلۇق بىرلەشمە پونكىتى قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق كۆپ ساھەلىرىدە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى «تېزلەتكۈچ»كە ئايلانغان.

خەۋەرلىشىش ساھەسىدە، «بېيدوۋ» يەتكۈزىدىغان قىسقا خەۋەر شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىدا قاراڭغۇ رايون چوڭ بولۇش يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىدى، مەيلى ئادەمسىز رايوندىكى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولسۇن، ياكى دالىدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتە بولسۇن، بىر قىسقا خەۋەر بىلەنلا ئىزدەپ قۇتقۇزغۇچى ئورۇننى بېكىتەلەيدۇ، بىر قېتىملىق خەۋەرلىشىش ئىقتىدارى 1000 خەنزۇچە خەتكە يېتىدۇ.

قاتناش سىستېمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەڭ بۇرۇن قوللانغان ساھەلەرنىڭ بىرى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھىنى قوللانغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا شىنجاڭ ئاممىۋى قاتناش سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش - نازارەت قىلىش - كۆزىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى، تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋە ئاممىۋى ئابۇنىچىلارنى ئاپتوموبىللارنى نازارەت قىلىش - كۆزىتىش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ساھەسىدە، 10 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا «بېيدوۋ» ئىشلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بېيدوۋ يول باشلاش تېخنىكىسى سۇ تېجەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، چەت، ياقا يېزىلارنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە چارۋىلارنى ئوتلاق كۆچۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، بېيدوۋ يول باشلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىش شىنجاڭدا دالىدا مەشغۇلات قىلىدىغان خادىملارنىڭ خىزمەت پونكىتى بىلەن ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، خادىملار بىلەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىنى تېز، توغرا كۆچمە نازارەت قىلىش - كۆزىتىش، ناچار ھاۋا رايى ۋە تۇيۇقسىز ئاپەت يۈزبەرگەندە جىددىي سىگنال بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبەرگەندە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قوماندانلىق قىلىش ۋە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇردى.

ساياھەت ساھەسىدە، شىنجاڭ بېيدوۋ سىستېمىسى ئاساسىدىكى پۈتۈن رايون ساياھەت بۇلۇتى ئارقىلىق يېتەكلەشنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەش ئارقىلىق، توردا ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت يول لىنىيەسىنى تەسىس قىلىپ بېكىتىشى، ئېلېكتىرونلۇق قاشا تەسىس قىلىشى، تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن مەنزىرە رايونلىرىنى قوغدىشىغا ياردەم بەردى.

ئاممىۋى قوللىنىش جەھەتتە، بېيدوۋ ئاساسىدىكى يول باشلاش مۇلازىمىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون، ئورۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق زاۋۇتلار، سودىگەرلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىپ، ئاممىۋى ئىستېمال ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈلدى، مەسىلەن، دالا ساياھەتچىلەر تېرمىنالى، ئوقۇغۇچىلار كارتىسى، ياشانغانلار كارتىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق قاشا قاتارلىقلار.

«ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بېيدوۋ يول باشلاش كەسپىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر قوللىنىشنى پائال پىلانلاۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا پائال تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شۆفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز بېيدوۋ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش كەسپى بىلەن ياسىمىچىلىق، يۇمشاق دېتال كەسپى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىشنى كەسىپلەشتۈرۈش كۆلىمىنى زورايتىۋاتىدۇ، كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بېيدوۋ كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ بوشلۇق ئۇچۇر كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى