شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، تەتقىق قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭدا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەزمەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىياتنىڭ «ئىنچىكە سىزما رەسىم»ىنى سىزىپ چىقتى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشىدىن قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگىچە، دائىملاشقان يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىدىن 190 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقىچە، ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتىن ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقىچە... يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىلگىرىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى «يانچۇق تېگى»دىن دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازىسى ۋە ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. پەقەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتقاندىلا، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، مۇھىت قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا، مۇھىم، زور پۇرسەتنى ئىگىلەش كېرەك. 2014 - يىلىدىن بۇ يىل 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 3678 جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80تىن كۆپرەك ئاشتى؛ 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 129 مىليارد 690 مىليون دوللار تاشقى سودا سوممىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى... سانلارنىڭ كەينىدىكىسى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنىڭ نامايەندىسى، تېخىمۇ مۇھىمى غايەت زور پۇرسەتنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى. بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» چىقىرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، غەربكە يۈزلەنگەن قاتناش تۈگۈنى ۋە سودا - ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - پەن - مائارىپ، داۋالاش - مۇلازىمەت مەركىزىنى شەكىللەندۈرۈش» تىلغا ئېلىندى. يادرولۇق رايون قۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، قىممەتلىك سىياسەت پۇرسىتى ۋە ئالاھىدە تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق پايدىسى ۋە ئىسلاھات پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتقاندىلا، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى نىشان يېتەكچىلىكى قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ سىياسەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باغچە رايوندىكى كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تىرەك قىلىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت - پەن - مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ پەرقلىق ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، كۆرۈنمە نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولغاندىلا، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
ئىسلاھاتنى كۆزلىگەنلىك تەرەققىياتنى كۆزلىگەنلىك، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك. مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللانغاندىلا، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئۇنىڭ ئاۋات مەركىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن گۈزەل ئارزۇسىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.