تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەھەللىدىكى ياشلىق سىيماسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قۇدرەت قۇربان (ئوڭدا) بىلەن ئەنقەر ئەسقەر ئۆزلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قەغەز تاختىغا يېزىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىگە قولايلىق ياراتتى.

دۇڭ جۈن، قۇدرەت قۇربان، ئەنقەر ئەسقەرلەر كۆكتات توشۇماقتا.

ئۈچ كىشىلىك كىچىك ئەترەت ئولتۇراق رايوندا ئاھالىلەرگە «سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا» ئويناشنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

«ۋاقىت چىققاندا سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئوينىسا، بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساي جەنۇبىي يولى شەرقىي مەھەللىسى لاڭرۈن تيەنچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى پىدائىي قۇدرەت قۇربان 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاھالىلەرگە.

بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن قۇدرەت داشۆنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى. ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى بىلەن بىر ئولتۇراق رايوندا تۇرىدىغان نەۋرە ئىنىسى ئەنقەر ئەسقەر بىلەن بىللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە تىزىملىتىپ قاتناشتى.

ئۇ ئىككىسى ئوخشاش بىر مەھەللىدە پىدائىي بولغان دۇڭ جۈن بىلەن ئۈچ كىشىلىك كىچىك ئەترەت تەشكىللىدى. قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەردە پەيدا بولۇپ، چىن قەلبى بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.

«ئاھالىلەرنىڭ بىر ئېغىز <رەھمەت> دېگەن سۆزى بىز ئۈچۈن ئەڭ زور مەدەت.» قۇدرەت مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقۇم ئالدىدا بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشىمەن، «گەرچە تېببىي خادىملارغا ئوخشاش يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنالمىغان بولساممۇ، ئەمما مەھەللە ۋە ئاھالىلەرنىڭ بەزى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەلەيمەن. ھەممە ئادەم بىر كىشىلىك كۈچ قوشسىلا، غەلىبە چوقۇم بالدۇر يېتىپ كېلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى