تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر - يېزىلار كۆكەردى ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان دەرياسىنىڭ مەنزىرىسى (2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تارتىلغان). (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى)

ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، كۆل سۈيى ئۆزئارا تۇتىشىپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى، ئىھاتە ئورمان بەلبېغى بىلەن شەھەر رايونى مەنزىرىسى بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ بەلبېغى بىلەن يېشىل كارىدورلۇق گۈل دېڭىزى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى؛ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى ئارشاڭ كەنتىدە، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ھويلىسى رەتلىك، پاكىز، يورۇق، ھەممە يەر بۈك - باراقسان بولۇپ، ئىشىكتىن چىقىپلا يېشىللىقنى، بۇرۇلسىلا مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ... شەھەر - يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ چىرايلىق يۆگىمە رەسىملىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى يېشىللىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، تىرىشىپ تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزىلارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ يېشىل تەمىناتىنى تىرىشىپ كۆپەيتتى. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بوش يەرلەرنى قايتا كۆكەرتىش ۋە شەھەر رايونىدىكى باغچە سۇ بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولدى، شەھەر - يېزىلارنى كۆكەرتىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى روشەنلەشتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 11 مىليون 130 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىنىپ، 5 مىليون 764 مىڭ 500 مو يەردىكى ئورمان پەرۋىش قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %4.87كە ئۆستۈرگەن.

ئىلمىي پىلانلاش يېشىللىقنى شەھەرنىڭ «قان تومۇرى»غا سىڭدۈرۈش

«كۆز يەتكۈدەك يەرنىڭ ھەممىسى يېشىللىق، ھاۋادىن ساپ ھىد كېلىپ تۇرىدۇ.» ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۇن شىمالىي يولى شىنشىن مېييۈ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى جاڭ لۇڭمېي مۇنداق دېدى: «كىچىك سەيلە باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېرىزىنى ئېچىپلا يېشىللىقنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق.» ئۇ تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوننىڭ ئەتراپىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مەنزىرە لايىھەلەنگەن، ئۈچ كىچىك سەيلە باغچىسى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېشىللىق كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن 36 مىليون تۈپتىن ئارتۇق غوللۇق دەرەخ، چاتقال كۆپەيتىلىدىكەن. ئاھالىلەرنىڭ ھويلا - ئارانى، كوچا بويىدىكى يېشىللىق، كىچىك سەيلە باغچىسى، كىچىك يېشىل يول قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 60 مىڭ مو يېشىللىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىدىكەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئومۇمىي كۆلەم 131 خەلق باغچىسىغا باراۋەر كېلىدىكەن.

بۇنداق «يېشىللىقنى سىڭدۈرۈش»نى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى شۈييۈن مەيدانىدا، سۈنئىي كۆل يۈزى دولقۇنلاپ كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ، تۈرلۈك غوللۇق دەرەخ ۋە چاتقاللار ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى. بۇ شەھەر شەھەر رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باغ - ئورمانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك باغ - ئورمانلاشقان شەھەر قۇرۇپ چىقتى، شەھەر ئاھالىلىرى 500 مېتىر ماڭسىلا، يېشىل بوشلۇققا قەدەم قويالايدۇ.

باشنى كۆتۈرسىلا يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىشىكتىن چىقسىلا گۈللەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، شەھەرنىڭ گۈزەللىكى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر كۆكەرتىش نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر كۆكەرتىش مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن سىرت، يەنە شەھەر كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر قۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى جايلار شەھەر - يېزا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - بازار ئەتراپى، مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى يېشىللىق قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى يوللار، ئولتۇراق رايونلار، تۈرلۈك باغچىلار، دالا ئىستىراھەت مەيدان - سورۇنلىرىنى كۆكەرتىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېشىللىقنى شەھەرگە كىرگۈزۈش، يېشىللىقنى تاغقا چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئوبرازىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەتلىك باغ - ئورمان شەھىرىدىن جەمئىي 15ى، دۆلەتلىك باغ - ئورمان ناھىيە بازىرىدىن 22سى بار ئىكەن.

كۆچەت تىكىپ يېشىللىق بەرپا قىلىندى شەھەر ئورمان ئىچىدە بولۇش، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا

باغراش ناھىيەسىنىڭ قايدۇ دەرياسىدىكى دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرغان زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، دەريا بويىدا سايە تاشلاپ تۇرغان ياپيېشىل دەرەخلەر شۇ جايدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

«ناھىيەنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق قۇرۇش، ناھىيەنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېشىللىق قەد كۆتۈرۈش، ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، باغراش ناھىيەسى قايدۇ دەرياسى ئېكولوگىيە مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ توغرىسىغا، ئالتە ئۇزۇنسىغا كېلىدىغان سۇ سىستېمىسىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سۇ شەھەردە ئاقىدىغان، شەھەر سۇدا ئەكس ئېتىدىغان، ئادەملەر سۇ بويىدا ماڭىدىغان» يېشىل يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.

«شەھەر ئورمان ئىچىدە بولۇش، يول يېشىللىق ئىچىدە بولۇش، ئۆي باغ ئىچىدە بولۇش، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە بولۇش»تىن ئىبارەت كۆكەرتىش ۋەزىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - يېزا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا.

بۇلتۇر، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان باغچە شەھىرىلىك ئورنىنى كۆزلەپ، ئېكولوگىيەلىك ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بوشلۇق ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ۋۇ دېلۇ بۇنى ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلدى: «ئىچكىرى رايوندىكى نۇرغۇن دوستلار بىزنى قۇملۇققا يېقىن، سۈيى قىس، يېشىللىقى ئاز، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ يىل قۇرۇش ئارقىلىق، ئاقسۇ يېشىللىققا پۈركەندى.» ھەقىقەتەن شۇنداق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. دولان دەرياسى مەنزىرە رايونى شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتكەن، دۇڭچېڭ باغچىسى، توغراق باغچىسى، فېڭچۈەنخې باغچىسى، بەخت باغچىسى، تەنتەربىيە باغچىسى ھەم ئورمان باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىقلار ھەر تەرەپتىن ئوراپ تۇرىدۇ، كوچىلاردىكى سەيلە باغچىلىرى خۇددى مەرۋايىتتەك چېچىلىپ ھۆسن قوشقان، شەھەرنىڭ تۆت كىرىش - چىقىش ئېغىزىدىكى مەنزىرە بەلبېغى يېشىللىق بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە كەنتلەرنى كۆكەرتىش - گۈزەللەشتۈرۈشنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، يەرلىك دەرەخ تۈرلىرىنى ئاساس قىلىپ، ھۆكۈمەت كۆچەت بىلەن تەمىنلەش، ئاممىنى كۆچەت تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، 2022 - يىلىغا بارغاندا، 950 مىڭ مو ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ ھەم كەنتلەرنى كۆكەرتىش - گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايدۇ.

يېشىللىق قوشۇلۇپ رەڭدارلىق كۆپەيدى گۈزەل يېزا - كەنتلەردە قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچتى

بۇ يىلدىن بۇيان، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھويلا - ئارانلارنى تۈزەش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش، تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، «ئۈچ رايون»نى ئايرىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. كۇيسۇ بازىرى چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەيدىخان داۋلەت مۇنداق دېدى: «ئۆينىڭ ئىچى - تېشى پاكىز، ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلا - ئارانى يېشىللىققا پۈركەندى، كەنت بارغانسېرى گۈزەللەشتى!»

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېز ئالغا سىلجىتتى، كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، 9180 مەمۇرىي كەنتنىڭ كەنت قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى كۇچا ئېرىق كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىرى قىزىل، بىرى كۆك ئىككى ئەخلەت ساندۇقى قويۇلغان بولۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە يىغىۋالغىلى بولىدىغان باشقا ئەخلەتلەرنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۈزۈم تىكىلگەن، دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر باراقسان ئۆسكەنىدى.

«كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، بىز ياخشى كەنت، ياخشى يول، ياخشى مېۋىلىك باغ، ياخشى ئورمان بەلبېغى، ياخشى ھويلا - ئاران، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەم خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، گۈل ئۆستۈرۈپ، دەرەخ تىكىپ، گۈزەللەشتۈرۈپ، كۆكەرتىپ، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەككىز نازارەت، ئىدارە بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ھەم كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېتىز - ئورماننى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە كەنتلەرنى كۆكەرتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1104 كەنتتە كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، كەنتلەرنىڭ «تۆت ئەتراپى»نىڭ كۆكەرتىلىش كۆلىمى 82 مىڭ موغا يەتتى.

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېزىلاردىكى پاسكىنا سۇنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ، يېزا - كەنتلەر پاكىز، رەتلىك قىياپەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى