تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

نىلابا سۇلۇق يېرىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى

  نىلابا سۇلۇق يېرىدىكى خۇددى ئۆرۈمە چاچقا ئوخشايدىغان دەريا ئېقىنىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ سۇلۇق يەردە سۇ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ (8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: سىچۇەن ئۆلكىسى سېدا ناھىيەسى نىدو بازىرى تەۋەلىكىگە جايلاشقان نىلابا سۇلۇق يېرىنىڭ زاڭزۇ تىلىدىكى مەنىسى «قۇياش سۇلۇق يېرى» بولۇپ، يالۇڭجياڭ دەرياسى مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تورف سازلىقىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى %90تىن ئاشىدۇ. سۇلۇق يەردە سۇ ئوتلىرى مول، ھايۋانلار كۆپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ياخشى. سۇلۇق يەردە ياز پەسلىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلايدۇ، ئاسماندا بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرىدۇ، دەريا ئېقىنلىرى سازلىقتا خۇددى ئۆرۈمە چاچ بىلەن نەقىشلەنگەن يېشىل گىلەمدەك ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خۇڭجىڭ فوتوسى

كەچكى شەپەق ئاستىدىكى نىلابا سۇلۇق يېرىنىڭ كۆرۈنۈشى. (8-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان)

نىلابا سۇلۇق يېرىدىكى ئۆرۈمە چاچتەك دەريا ئېقىنىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ سۇلۇق يەردە تورفنىڭ مول، سۇ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بىر توپ قوتاز نىلابا سۇلۇق يېرىدە ئوتلىماقتا (8-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).

كەچكى شەپەق ئاستىدىكى نىلابا سۇلۇق يېرىنىڭ كۆرۈنۈشى. (8-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى