تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

گۇاڭشى ليۇجوۋ: لۇڭيەن تېرىقچىلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، گۇاڭشى ليۇجوۋ شەھىرى يۈفېڭ رايونى بەيشا بازىرى شىنئەن كەنتىدە، دېھقانلار لۇڭيەن ئۈزمەكتە. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)

  شىنخۇا تورى خەۋىرى:  يېقىندا، گۇاڭشى ليۇجوۋ شەھىرى يۈفېڭ رايونى بەيشا بازىرى شىنئەن كەنتى قاتارلىق دەريا بويلاپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان لۇڭيەن باغچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى. بەيشا بازىرى ليۇجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار دەريا بويىدىكى كەنتلەرنى لۇڭيەن، لىجى، مىجۈ قاتارلىق ئىقتىسادىي مېۋىلىك دەرەخلەرنى تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، لۇڭيەن ئۆستۈرۈشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى خەنچې فوتوسى)

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى، گۇاڭشى ليۇجوۋ شەھىرى يۈفېڭ رايونى بەيشا بازىرى شىنئەن كەنتىدە، دېھقان لۇڭيەن ئۈزمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى