تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يەيمىز؟

    «كونىلاردا قىشتا لوبو، يازدا زەنجىۋىل يېسە، دوختۇرنىڭ رېتسېپ يېزىشى ھاجەتسىز» دەيدىغان گەپ بار، ئۇنداقتا، يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يېيىش كېرەك؟ بۇنىڭ زادى قانداق پايدىسى بار؟

    بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى شيې ليەندى كۆپچىلىككە يازدا زەنجىۋىل يېيىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

   يازدا نېمە ئۈچۈن زەنجىۋىل يەيمىز؟

   بىرىنچىدىن، ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، ئادەم بەدىنىدىكى ياڭچىمۇ تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشىپ، بەدەن سىرتىغا تارقىلىپ چىقىدۇ، بەدەندىكى ياڭچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. بەدەندىكى ياڭچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ياز پەسلىدىكى يېمەك-ئىچمەكلەردە قىرتاق تەمنى ئازايتىش، مۇۋاپىق ھالدا بىر قىسىم ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىش كېرەك، مەسىلەن: زەنجىۋىل، ئارپا بەدىيان، سۇڭپىياز ئېقى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئورگانىزىمدىكى ياڭچى ۋە يىنچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

   ئىككىنچىدىن، يازدا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە كىرىپ قالسا ياكى سوغۇق سۇ بىلەن سالقىندىسا، ۋە ياكى سالقىنداش مەقسىتىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ تۆۋەنگە تەڭشىسە، بۇنداق بولغاندا ھەر خىل سىرتقى ئامىللار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەنگە بۆسۈپ كىرىدۇ. بەزىدە شۇ ھامان كېسەل قوزغىلىشى مۇمكىن، بەزىدە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، كۈز ۋە قىشتا قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ چاغدا ئازراق زەنجىۋىل يەپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە كۈز ۋە قىشتا كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ياز كۈنلىرى كىشىلەر سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئاشقازانغا ئاسانلا سوغۇق يىغىلىۋالىدۇ، زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، سوغۇق يەلنى ھەيدەيدۇ، شۇنداقلا ئاشقازان كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى