تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ كۇچا: شىمېي باغۋەنلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

باغۋەنلەر پىشقان شىمېيلارنى ئۈزمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلىگراممىسى (رۇستەم، گۇڭ شىجيې، نىياز راخمان): «بۈگۈن يېڭىدىن ئۈزگەن 15 توننا شىمېينى سودىگەرلەر ناھايىتى تېزلا ئېلىپ كەتتى، بىر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىش باھاسى 15 يۈەن، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى» دېدى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يار كەنتىدىكى باغۋەن ليۇ جۈنيى.

جۇڭگونىڭ ئاق ئۆرۈك ماكانى بولغان شىنجاڭ كۇچا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىگە خاس يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 100 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە ئاق ئۆرۈك تىكىش بىلەن بىللە، ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، 3800 مودىن ئارتۇق يەردە شىمېي ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، كۇچادا ئۆستۈرۈلگەن شىمېي ئاساسلىقى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى، ئېرباتەي بازىرى، ئىشخىلا بازىرى، ئۇچا بازىرى قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن. ئۇچا بازىرى ئۈچىنچى ئۇچا كەنتىدىكى باغۋەن ئارزۇگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: «مەن سەككىز مو يەردە ئاق ئۆرۈك، تۆت مو يەردە شىمېي ئۆستۈرۈپ، بۇ يىل 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم، كېلەر يىلى قالغان ئىككى مو يەرنىڭ ھەممىسىگە شىمېي تىكىپ، بۇ ئىككى كىچىك مېۋىنى مېنىڭ بېيىش گۆھىرىمگە ئايلاندۇرىمەن».

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شىمېي ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى ئەمگەك كۈچلىرىنى پائال تەشكىللەپ، باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى. ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن تەمىنلەش، سېتىش توختىمى ئىمزالىغاچقا، باغۋەنلەر سېتىشتىن غەم قىلمىدى. شىمېي يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن دەرھال شاڭخەي، خاڭجوۋ، ياڭجوۋ، نەنجىڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى