تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالدىن، قولاي يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 24-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، يۇقۇم مەزگىلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزگەن تەدبىرلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىز باشتىن-ئاخىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولغان خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا لايىھە تۈزۈپ ۋە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، قاتناشقا، راۋانلىققا، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان ئادەمگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاخىرقى ئۇچتىكى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال بولۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى،، كاپالەتنىڭ كۈچلۈك، سۈپەتنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».
    بىرىنچى، قاتناشقا، راۋانلىققا، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، «يېشىل يول» ھەقسىز، تېز يول يۈرۈش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، لىنىيەلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا يولدا ئالماشتۇرۇپ يۆتكەپ توشۇش ياخشى ئىشلىنىپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىن، قولاي يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى. «خادىملار ئۇچراشماسلىق، ئاپتوموبىلنى دېزىنفىكسىيە قىلىشتا قاتتىق بولۇش، ئادەم بىلەن نەرسىنى تەڭ تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قىسقا مەزگىللىك ماددىي ئەشيا توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلار، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى قاتارلىق كەسىپكارلارغا قارىتا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نورمال بولۇش ھەم يېپىق باشقۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پىرىنسىپ جەھەتتىن 14 كۈن ئايرىش تەدبىرى قوللىنىلمىدى. 24 سائەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەتلىك قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىنىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىپ ماشسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىنىپ، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈمدە يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى.

    ئىككىنچى، ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان ئادەمگە كاپالەتلىك قىلىندى. چىقىرىدىغان جاي بىلەن قوبۇل قىلىدىغان جاينىڭ ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشى، ئۇدۇللاشتۇرۇشى كۈچەيتىلىپ، دېھقانلار «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئۇچراشماي تەرتىپلىك ھالدا ئېتىز بېشى، كارخانا، ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللەندى. «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئەمگەكچى چىقىرىش ۋە ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دېھقانلار تەرتىپلىك ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەندى. يېپىق ئىشلەپچىقىرىش يولغا قويۇلۇپ، خادىملارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ياخشى تۇتۇلدى، ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، شەخسىي مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بېرىلدى، غەمخورلۇق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش ياخشى ئىشلىنىپ، خىزمەت رايونىدىن تۇرمۇش رايونىغىچە بولغان باشقۇرۇش يېپىق ھالقىسى شەكىللەندۈرۈلدى. مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، باجنى كېمەيتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلدى.

    ئۈچىنچى، ئاخىرقى ئۇچتىكى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش زەنجىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئۆز مەيلىچە چازا تەسىس قىلىپ توسۇش، يولنى خالىغانچە ئۈزۈپ قويۇش، قامال قىلىش قاتارلىق قاتناشنى توسۇش قىلمىشلىرى قاتتىق چەكلىنىپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى، كۆكتات سودا بازىرى، باقمىچىلىق بازىسى، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى (كەنت) قاتارلىق ھالقىلىق رايونلارغا بارىدىغان يوللارنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان رايون تەۋەلىكى تەكشۈرۈپ تارقاتغان ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى توشۇش يول خېتىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىر تۈركۈم تور قاپلاش دائىرىسى كەڭ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى ياخشى تېز يەتكۈزۈش، ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، تىجارەت دۇكانلىرى ۋە كەنت (مەھەللە)لەرگە يۈزلىنىپ، ئۇچراشماي، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى. كەنت (مەھەللە)لەردە بىرلىشىپ ھۆددىگە ئېلىپ تەمىنلەش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار، پىدائىيلار تەشكىللىنىپ، قاراشلىق رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، تەمىنلەش ياخشى ئىشلەندى.

    تۆتىنچى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى. كارخانىلار سېتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ئەنئەنىۋى سېتىش تورىدىن ياخشى پايدىلىنىش بىلەن بىللە، «كۆرۈشمەي» نۇقتىدىن نۇقتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توردا زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇپ، ئۆلچەملىك تەقسىملەپ يەتكۈزۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلىتىلدى. ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىپ چىقىرىشتىكى «ئىككى پارچە تور»نىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تىرەك قىلىپ سېتىۋېلىش خىزمىتى پائال، مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەندى. «7-ئاينىڭ 30-كۈنى، بىز دۆلەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە 2020-يىللىق شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش (قەشقەر) تور پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 775 مىليون يۈەنلىك زاكاز ھاسىل قىلدۇق.» دېدى شۈ تاۋ.

    بەشىنچى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى چىڭ تۇتۇلدى. تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي ئېتىز پەرۋىشى ياخشى قىلىنىپ، ئۇچۇر ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رايون ھالقىپ تەڭشەش ياخشى ئىشلىنىپ، يازلىق ئاشلىقنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە، كۈزلۈك تېرىلغۇنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. پاختا ماشىنىسىدا ئۈزۈش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈزۈش خادىملىرى ئالدىن ياخشى تەشكىللىنىپ، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش تەييارلىقى ياخشى ئىشلەندى. يەم-خەشەك ساقلاش، توشۇش، يۆتكەپ تەقسىملەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. مېۋە-كۆكتاتلار ۋاقتىدا ئۈزۈۋېلىنىپ، سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش، قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن ياخشى پايدىلىنىلدى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى ۋە دېھقان ئائىلىلىرى مېۋە-كۆكتاتلارنى ئاپتاپقا سېلىش، قۇرۇتۇش، تۇزغا چىلاپ تەييارلاپ دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەشكە تەشكىللىنىپ، مېۋە-كۆكتاتلارنى سېتىش كېچىكتۈرۈلۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىش تۈرلىرى موللاشتۇرۇلدى، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەس بولۇش مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلىپ، يۇقۇم زىيىنى تىرىشىپ ئازايتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى