تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدا 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى 100دىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر مەنزىرە رايونىدا 26.2 كىلومېتىرلىق كۆلنى ئايلىنىش جەنۇبىي يولى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، <ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش> ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە - ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.» 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئۇلان مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، بۇ مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر.

ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى دۆلەت 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى 100دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 90گە، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 13كە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

«13 - بەش يىل» دىن بۇيان، شىنجاڭ ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم كۆلەملەشكەن، يۇقىرى ئۆلچەملىك، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ساياھەت تۈرلىرىنى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، پامىر ساياھەت رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى، 13 مەنزىرە رايونى 4A دەرىجىلىك بولۇپ باھالاندى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە قاراماي موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى، گۇچۇڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتى كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى 15كە يەتكۈزۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى «كىرەلەيدىغان، چىقالايدىغان، ئۆرلىيەلەيدىغان، چۈشەلەيدىغان» بولۇشتەك ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆلچەم بويىچە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاڭلىق مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى