تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى «ئۈچ چوڭ جەڭ» چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ

ئېبنۇر كۆلىدىكى يازىۋەن (6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇ كۆلىمىنى 805 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە ئەسلىگە كەلتۈردى، مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ئەتراپتىكى سۇلۇق يەرلەرنى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

(ئەن شياۋلۇڭ فوتوسى)

«ۋەتەننىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە باردىم، شىنجاڭ قەلبىمنىڭ ئەڭ گۈزەل تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.» 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، تورداش aria «شياۋخۇڭشۇ»دا شىنجاڭدا ساياھەت قىلغاندىكى سىننى ئېلان قىلدى ھەم سۆز قالدۇردى. سىندىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، بىپايان گۈزەل تۇپراق نۇرغۇن تورداشنىڭ بەس - بەستە ديەنزەن قىلىشىغا ئېرىشتى.

ھەقىقەتەن، كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى تەبىئىيلىكىدە، ئېكولوگىيەسىدە، «قارىسىلا تاغنى كۆرگىلى بولىدىغان، نەزەر سالسىلا سۇنى كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتقىلى بولىدىغان»لىقىدا.

شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز، بۇ جاينىڭ تاغ - دەريالىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جەزمەن ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش، سۈزۈك سۇنى قوغداش، پاكىز تۇپراقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلدى.

جەڭ نەتىجىسى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۈنۈم ئېففېكتى گەۋدىلىك بولدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان ساھە قىلىپ، «پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش» «پۇقرالارغا سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈۋاتقان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش» كېرەك.

بۇلتۇر قىشتىكى ئىسسىنىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. پۈتۈن شەھەر بويىچە ئۆلچەمگە يەتكەن (ئەلا سۈپەتلىك) كۈن سانى 114 كۈن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 26 كۈن كۆپەيدى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13 كۈن ئازايدى. ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى «كۆك ئاسمان» ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بارغانسېرى كۆپلەپ پەيدا بولدى.

بۇنى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى ئەيمىن بىۋاسىتە ھېس قىلىپ: «ئىلگىرى ئۈرۈمچىنىڭ قىش كۈنلىرى ئېغىر بۇلغانغان ۋاقىتلاردا، ئۇلانبايدىن نەزەر سالساق، پۈتكۈل ئاسمان خۇددى بىر قارا قازاننىڭ تۇۋىقىدەك كۆرۈنەتتى. ھازىر ياخشى بولۇپ كەتتى، ئاسمان كۆپكۆك، قىش كۈنلىرىمۇ خاتىرجەم ھالدا باغچىغا بېرىپ پىيادە مېڭىپ چېنىققىلى، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغىلى بولىدىغان بولدى» دېدى.

ئون نەچچە يىل «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى» «كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2018 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى» باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە 65 توننىدىن تۆۋەن سانائەت كۆمۈر يېقىلغۇ پار قازانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن شاللىۋېتىلدى، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلار تۈزەلدى، چوڭ تىپتىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاۋا سۈپىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

خۇددى لى ئەيمىننىڭ ھېس قىلغىنىغا ئوخشاش، ئەتراپتىكى ساپ ھاۋانى ھېس قىلىش پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئېكولوگىيە ئاساسى.

كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى، زۇمرەت سۇنى قوغداش جېڭى، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىگە تەڭ كۈچ چىقىرىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى «مۇھىم تۇتقا» چىڭ تۇتۇلدى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە نامايان بولماقتا.

شەھەر، رايون، يېزا - بازاردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆلى تۈزەش ئارقىلىق، بىر مەھەل تارىيىپ كەتكەن كۆل يۈزى كېڭىيىشكە باشلىدى. يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ياسىن قۇرنا سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيە چارلىغۇچىسى. «كۆل يۈزى كېڭەيگەندىن باشقا، سۈيى سۈزۈلدى، ئوت - چۆپلەر كۆكەردى، قۇشلارمۇ كۆپەيدى، بىز ھەر كۈنى بۇ يەردە خىزمەت قىلىمىز، تۇرمۇش كەچۈرىمىز، كۆڭلىمىز ئازادە بولۇپ قالدى» دېدى ياسىن.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى%69.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيدى. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدىكى نۇقتىلىق رايون بولغان «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو»نىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2019 - يىللىق «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ھەرىكەت پىلانى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىدا، شىنجاڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى يولغا قويغان ئۆلكە قاتارىغا كىردى؛ تۇپراقنى تۈزەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن 11نى بەرپا قىلدى، ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 247 مىڭ 700 موغا يەتتى، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتى %76.4 بولدى...

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

مۇساپە: يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بوشاشماي تىرىشتى

بۇلتۇر 5 - ئايدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ يەنلى تاۋار بېتون قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش ئارقىلىق، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ شىركەت ئۈرۈمچى شەھىرى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تۈزىگەن 3217 «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىنىڭ بىرى.

«راست گەپنى قىلساق، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ بىز كۆپ زىيان تارتتۇق. لېكىن بىز قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ تەرتىپكە سالدۇق، تۈزىدۇق، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سالدۇق، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىمۇ بىر بالداق ئۆرلىدى. شىنجاڭنىڭ كۆك ئاسمىنى ئۈچۈن، بۇ مەبلەغ سېلىشىمىز ئەرزىيدۇ!» دېدى كارخانا مەسئۇلى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، بىرنەچچە مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور جەڭ قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك.

ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىدە نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر جەڭ بىر جەڭدىن قىلىپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، تىرانسپورت ۋە يېزا ئىگىلىك سېلىنما قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

2019 - يىلىلا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي چېكىندۈرۈلگەن تۆمۈر تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 500 مىڭ توننا، پولات تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون 250 مىڭ توننا بولدى. «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىدىن جەمئىي 3940ى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، %90تىن كۆپرەكىدە تاقاش، توختىتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرىكتۈرۈپ كۆچۈرۈش، ئۆز جايىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىپ ياساش تاماملاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سېمونت، تەكشى ئەينەك قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، قەغەز ياساش، پولات - تۆمۈر، ئازوتلۇق ئوغۇت، گۈل بېسىش ۋە بوياش، دورا ياساش، كۆن - خۇرۇم كەسپىنى پاكىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ ياساش خىزمىتىنى تاماملاپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى قاتتىق تىزگىنلىدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 85 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سانائەت توپلاشقان رايوننىڭ 83ىدە پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇپ چىقىلدى ھەم ئاپتوماتىك توردا نازارەت قىلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 3355 دەريا - ئېقىن، 121 كۆلدە دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، دەريا، كۆللەرنى ئۈچ يىللىق تۈزەش ھەرىكىتى سۇلۇق يەرنى قايتا پەيدا قىلدى، كۆلنى زۇمرەت، سۇنى سۈزۈك قىلدى.

«تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئالغا سىلجىتىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش كۈچەيتىلىپ، ئامما خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇش» ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاندا، ئېكولوگىيەنى ئاسراش، مۇھىت ئاسراشمۇ كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئالدىراش بولمىسىلا، باغراش ناھىيەسىدىكى ئاھالە ۋاڭ مىنجې دوستلىرى بىلەن باغراش كۆلى بويىغا كېلىپ، سۇدىكى ئەخلەتلەرنى سۈزىدۇ. «مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى تەستە قولغا كەلگەن، بىز باغراش كۆلىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنى مەڭگۈ گۈزەل قىلىپ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ راھەت ۋە ھۇزۇر ئېلىپ كېلىدىغان قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ۋاڭ مىنجې كۆل يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ.

ئالدىن كۆرەرلىك: سىجىل كۈچەپ چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىدى

7 - ئاينىڭ تومۇز كۈنلىرى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە باگاڭ ئوكسىگېنلىق دومنا پېچىغا ئوت يېقىلىپ، ساپ ئوكسىگېن ئىشلىتىش ئىسسىق شامال چىقىرىشنىڭ ئورنىنى ئالدى. تېخنولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆمۈر گازىدىن تەكرار پايدىلىنىش ئارقىلىق، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %40تىن كۆپرەك ئازايتىشنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى %40 ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بىر مەيدان مارافونچە يۈگۈرۈش جېڭى بولۇپ، بىر قېتىملىق جەڭ بىلەن تۈگەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ساقلانما مىقدارنى تۈزەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، ئېشىش مىقدارى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى ۋېن يۈبياۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق بۇلغاش ئامىللىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، پولات - تۆمۈر، ئوت ئېلېكتىر، سېمونت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭ كۆزلەپ، پولات - تۆمۈر سانائىتىدە بۇلغىمىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن قويۇپ بېرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، VOC، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەردە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، داۋاملىق كۈچەپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىدۇ.

بۇ يىلقى ئىسسىنىش مەزگىلى ئۆتۈشى بىلەنلا، ئۈرۈمچى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىسسىنىش مەزگىلىدىن باشقا پەسىللەردىكى كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىگە ئاتلاندى. ئۈرۈمچى - سانجى رايونى چاڭ - توزاندىن بۇلغىنىشنى تۈزەش بويىچە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئۈرۈمچىدىكى 23 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئومۇميۈزلۈك يېڭى ئۆلچەمنى قوللىنىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، دىزېل يۈك ئاپتوموبىللىرى قالدۇق گاز قويۇپ بېرىشىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش ئەھۋالىغا قارىتا دائىملاشقان قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى...

«بۇ يىل ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىمى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور جەڭ نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېدى ۋېن يۈبياۋ.

ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمەت لايىھەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆل، سۇ ئامبارلاردىكى سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىدۇ. باغراش كۆلى، ئۇلۇنگۇر كۆلى، ئېبنۇر كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ يەر ئىشلىتىش، تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، كادمىي قاتارلىق ئېغىر مېتاللارغا چېتىشلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش - تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر مېتاللارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى بۇلغىشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايون مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، گۈزەل شىنجاڭ نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىنىدۇ.

نىشان بېكىتىلدى، ئەمدىكى ئىش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى