تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2020-يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرۇش سىستېمىسى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىۋېتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): 2020-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى دېيىلىدۇ)نى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12دىن 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 18گىچە ئېچىۋېتىلىدۇ.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى ۋە ھەرقايسى تۈركۈمدىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكىنى تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كۆرسە ھەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدىكەن.

  ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى نومۇرى (باش نومۇرى 20 + ئۆلكە ۋاكالەت نومۇرىدىكى 14 خانىلىق نومۇر)، كىملىك نومۇرى ۋە دەسلەپكى مەخپىي نومۇر (كىملىك نومۇرىنىڭ ئاخىرقى ئالتە خانىسى)نى ئىشلىتىپ ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدۇ، تۇنجى قېتىم تىزىملاتقاندىن كېيىن مەجبۇرىي تەلەپ بويىچە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاندىن باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار شەخسىي مەخپىي نومۇرىنى مۇۋاپىق ئورنىتىپ ۋە مۇۋاپىق ساقلاپ، ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەت-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى، بەدەن شارائىتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئارزۇنى مۇۋاپىق تولدۇرۇشى كېرەك. ئېلان قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمى، پىلان تۈر تىپى، پەن تۈرى، كەسىپ نامى ۋە ۋاكالەت نومۇرى ھەم ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش ھەم ساقلاپ تاپشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى