تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن 2-شى گۇەننۇڭ گۇرۇھى: «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش

ھازىر، تاۋۇز، قوغۇن، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى باشئەگىم شەھىرىنىڭ قىسمەن تۇەن-چاڭلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلدى.

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇەننۇڭ گۇرۇھى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 2-شىنىڭ 22-، 27-، 29-تۇەنلىرىدىكى بازار تاپالمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بازار تاپالمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە سانىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ھەرقايسى تۇەن-چاڭلار بىلەن ئالاقىلىشىپ دەلىللەشتۈرگەندىن كېيىن، گۇەننۇڭ گۇرۇھى ئون مىڭ كىلوگىرام تاۋۇز، 2800 كىلوگىرام قوغۇن، 50 يېشىك توقاچ شاپتۇل سېتىۋالغان بولۇپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تاپالماسلىقتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇەننۇڭ گۇرۇھى سېتىۋالغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى تاۋۇز، قوغۇنلار گۇەننۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابىغا يەتكۈزۈلدى. قوغۇن-تاۋۇز يەتكۈزۈپ بەرگەن ليەندۈي كادىرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: گۇەننۇڭ گۇرۇھى ياردەم قولىنى سۇنۇپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۇەننۇڭ گۇرۇھى سېتىۋالغان بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

(خاۋ يۇڭۋېن، يوۋ خەيرۇڭ)

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

(گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى