تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

قوبۇقسار ناھىيەسى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميىنىنى تومپايتتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دەي جياۋمېي خەۋىرى): «بۇلتۇر 6-ئايدا، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ باقمىچى بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 3500 يۈەن، بۇنىڭغا ھەر يىلى كوپىراتىپقا كىرگۈزۈلگەن كالىلارنىڭ پايدىسىنى قوشقاندا، كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى.»دېدى يېقىندا، كالا ئارقىلىق شىنجاڭ سۇدېلې چارۋا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشقان ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقان ياۋ ۋېيگو كۈلۈپ تۇرۇپ.

    قوي-كالىلارنىىڭ كوپىراتىپقا كىرىشى بىلەن، قاينام-تاشقىنلىق كۈنلەر باشلاندى؛ توخۇ، ئۆردەكلەر قوغلىشىپ، تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىق روھى ئۇرغىدى ... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى نامرات كەنتلەردە كەسىپ بازىسى يېتىشتۈرۈپ، قابىللارنى ئىگىلىك تىكلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، كەسىپنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندۇردى.

    2019-يىلى 6-ئايدا شازغەت يېزىسىنىڭ بايىنتولغاي كەنتىدىكى شىنجاڭ سۇدېلې چارۋا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، 23 نامرات ئائىلە ۋە 10 غەيرى نامرات ئائىلىنى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزدى.

   مۆتگې يېزىسى باقمىچىلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يەرلىك ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قۇرۇپ، 19 نامرات ئائىلىنىڭ سۈتىنى سېتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن سەككىز نامرات ئائىلىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   قوبۇقسار ناھىيەسى يەنە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. قوبۇقسار بازىرىدا نامراتلارنى يۆلەش، ئىگىلىك تىكلەش سېخى قۇرۇپ، شىنجاڭ جيۇۋېيخۇ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، «ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش + ئىش ئورنى مەشغۇلاتى + زاكاز بويىچە ياردەم بېرىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەر ۋە شەھەردىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرنى كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئەمگەك ئارقىلىق بېيىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى.

   2019-يىلى چاغانكۆل يېزىسى دولانتى كەنتى كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇلۇگې ئىچىملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بەش نامرات ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر ئايدا 1800 يۈەن كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، كەنت كارخانىسى قۇرۇش بوشلۇقىنى تولدۇردى.

   «ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت.» دېدى دولانتى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە باقىتبەك قاپىش تەسىرلەنگەن ھالدا.

    تېبكىن ئۇسان يېزىسى چاغان ئادىرىغى كەنتىدە توپ-توپ قۇش ۋە ئۆردەكلەر قوغلىشىپ ئويناقشىۋاتاتتى.

    بۇ تېبكىن ئۇسان يېزىسىنىڭ جەمئىيەت ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى تارباغاتاي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ قۇرغان توخۇ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىدى. «شىركەت + ياچېيكا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى بويىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 36 نامرات ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ 400 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، يەنە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمدىن ھەر يىلى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 36 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككىدىن ساغلىق تارقىتىپ بېرىلدى.

    ھەر بىر ئۆزگىچە كەسىپ تۈرلىرى يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى، قوبۇقسار ناھىيەسىدىكى نامرات ئامما بارا-بارا روناق تاپتى، ھەميىنىمۇ تومپىيىشقا باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى