تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چوڭ شاپتۇلنى «غەربكە كۆچۈرۈش»

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى پىڭگۇ رايونلۇق ئورمان-ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرى جاڭ چېڭيىن (ئوڭدا) ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمغا پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلىنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسى ئىلگىرى قاقاسلىق ئىدى. (سۈرەتنى پىڭلوسېننۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئابدۇخېلىل «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسىدا يېڭىدىن سېتىۋالغان تىراكتورنى سىناق قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ خەۋىرى): 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لوپ ناھىيەسى بېيجىڭ شەھىرى پىڭگۇ رايونى پىڭلوسېننۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى لوپ بازىرىنىڭ دول تۈگمەنبېشى كەنتىدە «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسى قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، چوڭ شاپتۇلنى «غەربكە كۆچۈرۈش» سىنىقىنى باشلىدى.

  بىر يىللىق يەر تۈزلەش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاش خىزمىتى ئارقىلىق، 2019-يىلى ئەتىيازدا دول تۈگمەنبېشى كەنتى 30 مىڭ تۈپ شاپتۇل كۆچىتى تىكتى، ئەي بولۇش نىسبىتى %78كە يېتىپ، شورلۇق يەردە كۆلىمى 300 مودىن ئاشىدىغان شاپتۇللۇق باغ بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان شاپتۇللۇق باغدىكى ھەر خىل سورتلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى.

  «يېڭى تىككەن شاپتۇل كۆچىتى چوكىدەك ئىنچىكە بولسىمۇ، بىر يىلدىلا چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ.» باغدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر تەرەپتىن باغدا ئىشلەپ پۇل تېپىپ، بىر تەرەپتىىن پىڭگۇ شاپتۇلى يېتىشتۈرۈپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاشنى پىلانلاۋاتىمەن.»

  بۇ يىل «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسىنىڭ كۆلىمىنى 1100 مودىن ئاشۇرۇش پىلانلاندى، شاپتۇللۇق باغ 300دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى