8-ئاينىڭ 9-كۈنى، خۇاگاڭ بازىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى بىر كۆكتات تېرىقچىلىقى كارخانىسىدا، پىدائىيلار كىچىك دوستلارغا كۆكتات تېرىش ئەندىزىسىنى تونۇشتۇردى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېيشى ناھىيەسى خۇاگاڭ بازىرى يازلىق تەتىللىك «تەبىئەتكە يېقىنلىشىش، سەھرا تەسىراتلىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى بالىلارنى خۇاگاڭ بازىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جۈنشى فوتوسى
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى