تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىخو شەھىرى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ كېسەل ئىنەكنى داۋالىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار جياۋ جۈنشيا، جاڭ گوخۇي خەۋىرى): «ما ئەترەت باشلىقى، بىزنىڭ ئۆيدە بىر موزايلىغان ئىنەك بار، بىر نەرسە يېمىگىلى بىر كۈندىن كۆپرەك بولدى، يىقىلىپ چۈشۈپ قوپالمىدى، قانداق قىلىمەن؟ سىلەر تېز كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار!» 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يېرىم كېچىدە، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى شىچياۋ يېزىسى تالدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مو زۇمىن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما جيەنگە تېلېفون قىلىپ، تىت-تىت بولغان ھالدا شۇنداق دېدى.

شىخو شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىچياۋ يېزىسى تالدى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما جيەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىللە مو زۇمىننىڭ ئۆيىگە باردى. بىر تەرەپتىن مو زۇمىننىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىچياۋ يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتى بىلەن ئالاقىلەشتى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، ئەسلىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى يامغۇر ياغقاندا، ئىنەك يامغۇردا قالغاندىن كېيىن زۇكام بولۇپ قالغانلىقى ئېنىقلاندى. ئارقىدىنلا، مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار دورا تەييارلاپ، ئاسما ئوكۇل بېرىپ، ئىنەكنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى. ئەتىسى سەھەردە، ئاسما ئوكۇلنى سېلىپ بولغان ئىنەك ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى.

مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى مەۋلان مو زۇمىنغا مۇنداق دېدى: «يەنە ئىككى قېتىم ئاسما ئوكۇل سالساق، ئىنەكنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىدۇ. كېيىن مەسىلە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ».

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مو زۇمىننىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىنەكلەر تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچرىسا، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان بولىدۇ، بۈگۈن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، مال دوختۇرلىرىنى ئىزدەپ ئىنەكنى قۇتقۇزۇۋالدى. سىلەرنىڭ ماڭا چوڭ ياردەم قىلغىنىڭلارغا رەھمەت!».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى