8-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈ فەنۋېن دادىسى يۈ شىزېنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىغا ئولتۇرۇپ قاتتىقلاشتۇرۇلغان سېمونت يولدا كېتىپ بارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: توكسىكلىتقا ئولتۇرۇپ، تەكشى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چىغىر يولى»دا مېڭىش... بۇ يازلىق تەتىلدە، 21 ياشلىق داشۆ ئوقۇغۇچىسى يۈ فەنۋېن دادىسى تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش كەنتىگە بېرىپ، ئەھمىيەتلىك تەتىل ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى.
يۈ فەنۋېن شىنەن نېفىت داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇنىڭ دادىسى يۈ شىزې خېبېي ئۆلكىسى دۇڭگۇاڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دېڭمىڭسى بازىرى خوۋما كەنتىدە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى. يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، يۈ فەنۋېن دادىسىغا «ھەمراھ» بولۇپ، كەنتكە بېرىپ قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ماتېرىياللىرىنى رەتلەش، تېرىقچىلىق كەسپىنى پىلانلاش قاتارلىقلارغا ياردەم بەردى. مائارىپقا ياردەم بېرىش تارىخى بار يۈ فەنۋېن شۇ جايدىكى بالىلارغا مول مەزمۇنلۇق يازلىق تەتىللىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
يۈ فەنۋېن، خوۋما كەنتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (فۇ شىنچۈن فوتوسى)
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈ فەنۋېن دادىسى يۈ شىزې بىلەن خوۋما كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق ئېتىشكە تەييارلىق قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈ فەنۋېن دادىسى يۈ شىزېغا ياردەملىشىپ، خوۋما كەنتىنىڭ كەسىپ پىلانىنىڭ ماتېرىيالىنى رەتلەپ بەرمەكتە.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈ فەنۋېن خوۋما كەنتىدىكى بالىلارغا ئاممىۋى پاراۋانلىق دەرسخانىسى ئېچىپ، بالىلار بىلەن بىللە كۇبىك تىزماقتا.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۈ فەنۋېن خوۋما كەنتىدە بالىلار بىلەن ئويۇن ئوينىماقتا.