تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

144.79 مېتىر! دۆلىتىمىز چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كۆلدىن ئەڭ ئۇزۇن تاش ئۆزەككە ئېرىشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر دۇڭ رۈيفېڭ خەۋىرى): جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆل ۋە مۇھىت ئۆزگىرىشى كوللېكتىپى يېقىندا چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى نامۇسو مەركىزى كۆل رايونىدا 100 مېتىرغا يېقىن سۇ ئاستىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 144.79 مېتىرلىق تاش ئۆزەككە ئېرىشتى، بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش چوڭقۇرلۇقى 153.44 مېتىرغا يەتتى، بۇ رايوننىڭ 150 مىڭ يىلغا يېقىن كىلىمات مۇھىتى خاتىرىسىنى قايتا قۇرۇشتا ئۈمىد بار.

  چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان نامۇسو كۆلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 4730 مېتىر بولۇپ، بۇ رايوندا تاش ئۆزەكنى قېزىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھاۋا رايى ئەڭ چوڭ خىرىس ھېسابلىنىدۇ. بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 20 مېتىرغا يېقىن تاش ئۆزىكى قېزىپ ئېلىنغان، ھاۋا رايى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە توختىتىلغان ئىدى.

                                                          «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى