تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى ئالاھىدە سىزگە بىلدۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، سۇ لۇپىڭ خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 210 مىڭ پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار ھەرىكىتىگە ئاتلاندى. ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە چېپىپ يۈردى؛ ئۇلار بىر ئۈلۈش ئىللىقلىق چىقىرىپ، بىر ئۈلۈش نۇر چېچىپ، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە پەيدا بولدى... ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئاھالىلەرنىڭ ديەنزەن قىلىشىغا ئېرىشتى.

«مەن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈۋاتقاندا، ئۇلار ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ھېرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم...» 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 21لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نەنلياڭپو مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ۋېيشىن توپىدا، ئاھالە چېن فېڭنىڭ بىر پارچە رەھمەت خېتى توپتىكى ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىدائىيلار ھەقىقەتەن بەك جاپا چەكتى، بىز ئۆيدە خاتىرجەم ئايرىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئازراق ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرەيلى» «بەك چارچاپ كەتمەڭلار، سالامەتلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار...»

نەنلياڭپو مەھەللىسى تەۋەسىدە ئالتە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بار بولۇپ، ئىككىسىدە ياشانغانلار كۆپ. «ھازىر بىز تەقسىملەپ يەتكۈزۈۋاتقان كۆكتات بولىقى ھەممىسى ئوخشاش تەڭشەلگەن، ئەمما، ياشانغانلارغا بەزى كۆكتاتلار ماس كەلمەيدۇ ياكى يەپ بولالمايدۇ» دېدى نەنلياڭپو مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گو ئالىن، تەۋەلىكتىكى 70 ئائىلىلىك ياشانغان كىشىگە قارىتا، مەھەللە «شەخسىي بۇيرۇتما» ئۇسۇلىنى قوللاندى، پىدائىيلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ياشانغانلارنىڭ سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى يىغىشقا مەسئۇل بولدى.

«ب‍‍ەزى ياشانغانلار ۋېيشىن ئ‍‍ىشلىتىشنى ب‍‍ىلمەيدۇ، شۇڭا بىز ئ‍‍ۇلارغا قەغەز تارقىتىپ بېرىپ، سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بولغان نەرسىلىرىنى بۇ قەغەزگە يېزىپ بېرىشىنى ئېيتتۇق» بۇ مەھەللىدىكى پىدائىي جاڭ شياۋلېي مۇنداق دېدى: «تىزىملىكنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، بىز كۆكتات تەقسىملەيمىز، ياشانغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان».

«پىدائىيلارنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلارنى ئازراق قاترىتىش ئۈچۈن، بارغانسېرى كۆپ ئاھالىلەر كۆكتاتنى تېجەپ يەپ، تاۋۇز قاتارلىق بىرقەدەر ئېغىر بولغان مېۋىلەرنى سېتىۋېلىش قېتىم سانىنى ئازايتتى، ئىچىملىك، ئۇششاق يېمەكلىكلەردىن يېمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى يېمەيدىغان بولدى» دېدى چېن فېڭ.

«ئىشىك ئاستاغىنە قېقىلدى/ كۈلۈمسىرەپ ھال سوراپ/ گۈرۈچ، ئۇن، مېۋە، كۆكتات يەتكۈزۈپ/ جىددىي لازىم دورىلارنى ئەكىلىپ/ ئەخلەت ھەم تەشۋىشلەرنى ئېلىپ كەتتىڭىز/ يىراقلاپ كەتكەن سىمايىڭىزغا قارىدىم/ گەرچە سىزنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ/ ئىسىمىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلمىسەممۇ/ ئەمما تۇغقىنىمنى كۆرگەندەك بولدۇم» بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ لەنمىڭنىڭ بىر كۇپلېت شېئىرى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە كۆپلەپ تارقىتىلدى.

«پىدائىيلار ھەر كۈنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، مەن بۇ شېئىرنى سۆيۈملۈك پىدائىيلارغا سوۋغا قىلىمەن» دېدى ۋاڭ لەنمىڭ.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) جىڭجياڭ يولى مەھەللىسى چېڭشىن بوجىڭۋەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى مەن شېڭجىن مۇنداق دېدى: «بەزىلەر بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان چاغدىكى تۇرمۇش كاپالىتىمىز مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلاشقاندىن باشقا، پىدائىيلارغا دائىم ئىچىملىك، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق».

مەھەللە پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رادىيو-تېلېۋىزىيە مەھەللىسى ئىتتىپاق ئولتۇراق رايونىدىكى مۇ شۇەنشۈ بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ 16-بىناسىدىكى 30 ئائىلىلىك ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەخلەتلەرنى يىغىپ، پېچەتلەپ ئوراپ، ئەخلەت يۆتكەپ توشۇش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. «كۆكتاتلار ئادەتتە چۈشتە كېلىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئاھالىلەرگە كېرەكلىك باشقا نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن.» بىر قېتىمدا ئارانلا ئۈچ، تۆت ئائىلىلىكنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىپ ماڭالايدىغان بولغاچقا، مۇ شۇەنشۈ ئادەتتە نەچچە قېتىم قاترايدۇ. كۆكتاتلارنىڭ يەتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى بولاي دەپ قالغانلىقىنى پەملىگەن مۇ شۇەنشۈ، كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا تېز سۈرئەتتە بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرىدۇ. ھەر كۈنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بولغاندا، چۈشتىن كېيىن سائەت بەش، ئالتىلەر بولىدۇ. بىراق، ۋېيشىن توپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇنى دائىم ديەنزەن قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرگىنىدە، مۇ شۇەنشۈ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بىر كۈنلۈك ھاردۇقىمۇ چىقىپ قالىدۇ.

«چىڭقى چۈشتىمۇ ئارام ئالماي ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!» «پىدائىيلارغا رەھمەت، جاپا چەكتىڭلار!» شىمىگۇ رايونى نىڭيۈەن مەھەللىسى بىخەي يۈنجۈ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر توپىدا پىدائىيلارنى مەدھىيەلىگەن سۆز-ئىبارىلەر بۇ مەھەللىدىكى پىدائىي يۆ خۇڭغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۆ خۇڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتتى. مەھەللىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ مەھەللىگە ماسلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەت خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «مەن پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم، ئاھالىلەرنىڭ بىر ئېغىز رەھمىتى، بىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ ئىلھام» دېدى يۆ خۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى