شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ
ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنلى مەھەللىسىدىكى 20 ياشلىق لى يىفېڭ چاڭچۇن مالىيە - ئىقتىساد شۆيۈەنىدىن يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇ مەھەللىدە تىزىملىتىپ پىدائىي بولدى.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە، «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئۇ ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىللە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلاردىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا پىدائىيلاردىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ دادىسى، ئاپىسى ۋە قوشكېزەك ئىنىسىمۇ بار.
«بۇ يىلنىڭ بېشىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندە، ئاپام ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغانىدى، مەن ئۆيدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم». لى يىفېڭ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدىمۇ ئولتۇراق رايون يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلاتتى، نۇرغۇن پىدائىي ئۆيىمىزگە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئەكېلىپ بەردى، بىز ناھايىتى تەسىرلەندۇق. مەن بۇ قېتىم ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىدىم».
پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتقان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، ئاھالىلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، قەرەللىك ئەخلەت يىغىش قاتارلىق خىزمەتلەر لى يىفېڭنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلاندى. «يان تېلېفوندىكى قەدەم ھېسابلىغۇچتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 10 مىڭ قەدەمدىن ئارتۇق ماڭىدىكەنمەن» دېدى لى يىفېڭ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، لى يىفېڭنىڭ دادىسى ۋە ئىنىسى ساقچى پونكىتىدا چىڭ تۇردى، ئۇلار ئىككىلىسى ساقچى ياردەمچىسى ئىدى.
لى يىفېڭنىڭ ئاپىسى لى سۇفاڭ شىنلى مەھەللىسىگە يېقىن كېپىڭ شىمالىي يولى مەھەللىسىدە چىڭ تۇردى، ئۇ مەھەللىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ئىدى، قىزىنىڭ پىدائىي بولغانلىقىنى لى سۇفاڭ ناھايىتى قوللىدى. «ئۈرۈمچى بىزنىڭ ئائىلىمىز، ئۇنى ياخشى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار!» دېدى لى سۇفاڭ.
«ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ۋىيشىن توپىمىز بار، بۇ مەزگىلدە دادام بىلەن ئىنىم دەم ئالغاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى سىن ئارقىلىق جەم بولىمىز، بۇ بىزنىڭ ئەڭ خۇشال ۋاقتىمىز.» لى يىفېڭ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، ھەر قېتىم سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەندە مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۆزئارا جېكىلەيمىز، لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ئىكەنلىكىمىزنى ئويلىساملا، ناھايىتى ئىشەنچكە، كۈچكە تولىمەن».