تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ شۇچى خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى توقۇمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاۋاتقان گۈزەل مەنزىرە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. توپ-توپ پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە ماكانلىشىپ، چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەرنىڭ يەنە بىر گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى.
توقۇمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاينىپ، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىغا ئەگىشىپ، سۇلۇق يەر كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى. ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولغاچقا، ھەر يىلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە توپ-توپ قۇشلار بۇ يەردە ماكانلىشىپ كۆپىيىپ، سۇلۇق يەر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، سۇ يۈزىدە سەيلە قىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.
قۇشلار ئىنتايىن مۇھىم ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ بايلىقى، نۆۋەتتە توقۇمتى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا جەمئىي 15 تۈر، 46 ئائىلە، 199 خىل قۇش بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرىدىن ئىككىسى، يەنى قارا لەيلەك، چوڭ دوغداق؛ دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلار 15 خىل بولۇپ، لاچىن، ئىتالغا قاتارلىقلار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى تەڭ قولغا كەلتۈردى.