8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا غايەت زور قونچاق ئويۇنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ ئىستېمال پەسلى پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى «چاۋچاۋياڭ» ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى رەسمىي قايتا قوزغىتىلدى، چاۋياڭ رايونىغا جايلاشقان شىنشىڭ سودا كوچىسىدىكى ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدا كوچا جيانيەنخۇا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن جۇڭخاۋ فوتوسى
8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، كىچىك دوست ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا ئادەم قونچاق بىلەن ئوينىماقتا.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋېلىسىپىت ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا ئۇششاق يېمەكلىك سېتىۋالماقتا.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا بىر قەھۋەخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى(ئوتتۇرىدا) توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كۆرمەكتە.
بۇ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە ۋاڭجىڭ كىچىك كوچىسىدىكى سودا كوچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان بىر پىۋا دۇكىنى.