تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ باغراش: شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سۇ، سۇدا ئەكس ئەتكەن شەھەر

يېقىندا، يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدە، قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، دەريا بويىدىكى دەرەخلەر سايە تاشلاپ،  شۇ جايدىكى گۈزەل بىر مەنزىرىگە ئايلاندى.

باغراش، ھاۋاسى ساپ ھەم كۆركەم شەھەر، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركىنىپ تۇرىدىغان ماكان، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنى بۇ يەردىكى يېشىللىق ۋە زۇمرەتتەك سۇلار جەلپ قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى «ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل قەد كۆتۈرۈش، ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، قايدۇ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ توغرا، ئالتە تىك سۇ سىستېمىسىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان، شەھەر سۇدا ئەكس ئېتىدىغان، ئادەم سۇ بويىدا ماڭىدىغان» يېشىل رەسىمنى شەكىللەندۈردى.

باغراش ناھىيە بازىرىنىڭ سۈيى سۈزۈك، قىرغىقى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل.

شەھەرنى كېسىپ ئۆتكەن قايدۇ دەرياسى.

زۇمرەتتەك دەريا سۈيى، يېشىللىققا پۈركەنگەن كىچىك شەھەر.

شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سۇ، سۇدا ئەكس ئەتكەن شەھەر.

مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلار نيەن لېي، خەي چاۋ خەۋىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى