تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قول ھۈنەرۋەنلەر كوپىراتىپ قۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

«كۆپچىلىك سۈرئەتنى تېزلىتىڭلار ھە!» 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىنىڭ ئوي كەنتى «ئالتۇن قول» قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 41 ياشلىق مەسئۇلى روزىتوختى مەخسۇت بىر تەرەپتىن ئىشچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە مەدەت بېرىۋاتاتتى.

«بۇ دېگەن 1 مىليون يۈەنلىك زاكاز، بىز جەزمەن سان، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ۋاقتىدا تاماملىشىمىز كېرەك!» 25 ياشلىق تىككۈچى روزىنىسا تۇرسۇن ئىختىيارسىز قولىدىكى ئىشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

مۇخبىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىچىدىكى كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان سېختا سەككىز ئىشچىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، دەستە - دەستە سوۋغاتلىق دوپپا يېرىم تەييار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى.

«بۈگۈن سىز تەبەسسۇم قىلدىڭىزمۇ؟» روزىتوختى مۇخبىرغا قاراپ ماڭغاچ بىر دوپپىنى سۇنۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن سورىدى. ئەسلىدە، بۇ روزىتوختىنىڭ دوپپا ئېلان سۆزى بولۇپ، ئۇ دوپپىغا يېقىندىلا تېخى «تەبەسسۇم» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغانىدى.

روزىتوختىنىڭ ئېنىق ئېسىدە، 2000 - يىلى باش ئەتىيازدا، ئۇ ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆينىڭ سوۋغاتلىق دوپپا بىلەن تولغانلىقىنى كۆرگەندە، دوپپا تىكىش ھۈنىرىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، كېيىن ھۈنىرىمگە تايىنىپ جان باقىمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدى.

20 يىلدىن بۇيان، روزىتوختى ئىزچىل بۇ ئىشنى قىلىپ كەلدى. «مەن دوپپا تىكىشنى ياخشى كۆرىمەن، مەن بىر قول ھۈنەرۋەن.» روزىتوختىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دائىم كۆپچىلىكتىن پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، يېڭى پاسونلارنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزى تېخىمۇ رازى بولغۇدەك سوۋغاتلىق دوپپىلارنى تىكىدىكەن. ئاندىن توكسىكلىتنى ھەيدەپ ھەممە بازارغا بېرىپ، دوپپىلارنى ساتىدىكەن.

2018 - يىلى روزىتوختى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلىپ ئورتاق ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى.

ئىلگىرىكى نامرات كەنت ئاھالىسى قۇربان مەمەت مۇشۇنداق قىلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىردى، «ئەينى چاغدا ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى، روزىتوختى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىسەملا، چوقۇم پۇل تاپالايدىغانلىقىمنى ئېيتقانىدى.» ھازىر ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇستا ئىشچى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇربان ئېيىغا 5000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ، خوتۇنى بىر كارخانىدا ئىشلەيدۇ، ئېيىغا 2500 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

30 ياشلىق كەنت ئاھالىسى پاتەم مەمەتئەيسانىڭ زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپچىل بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن دوپپا تىكىۋاتقانلىقىنى، تىكىش ئارىلىقىنىڭ زىچ، ھەم رەتلىك، ھەم كۆركەم ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. «ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمىز، مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دېدى پاتەم كۈلۈپ تۇرۇپ.

روزىتوختىنىڭ ئېيتىشىچە، كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ، ئۇنىڭ دوپپىلىرىغا ۋاسىتىچى بولۇپ سېتىش يولى تېپىپ بېرىپتۇ، يەنە ئۇنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، تونۇلۇش دەرىجىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپتۇ.

«بېيىشنىڭ سىرى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر ئىشنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ ياخشى قىلىش، شۇنىڭدىلا پۇل تاپالماسلىقتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ.» روزىتوختىنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئۇ يەنە بىر قىسىم نامرات ئائىلىدىكىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى پۇل تاپقاندىن باشقا تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلەشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى ئوي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى يۈ لياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى