تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاقىل ساغلام ئۈرۈمچى» سۇپىسىغا چىقىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ

«ئاقىل ساغلام ئۈرۈمچى» سۇپىسىغا چىقىپ

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن نەتىجىسىنى قانداق سۈرۈشتۈرىدۇ؟ 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى نىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەر ئاھالىلىرى «ئاقىل ساغلام ئۈرۈمچى» ۋىيشىن سۇپىسىغا چىقسىلا سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن.

شەھەر ئاھالىلىرى سۇپىغا چىققاندىن كېيىن، شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، «راۋان يۈرۈش كودى»نى ئېچىپ، «مەركەزلىك ئەۋرىشكە ئېلىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش»نى چەكسىلا، مەھەللىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى مەركەزلىك ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئۆزلۈكىدىن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن بولسا، «بېكىتىلگەن نۇقتىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش» سەھىپىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بەشتە بىر نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ئەۋرىشكە ئېلىشتىن كەلگەچكە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مىقدارى زور بولغاچقا، ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش ۋاقتى بىردەك بولمىغاچقا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقا - ئارقىدىن سىستېمىغا يوللىنىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى سانلىق مەلۇماتى توپلاندى، قالغان سانلىق مەلۇماتلار جىددىي، تەرتىپلىك كىرگۈزۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى