تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ماتېرىيال كۈچ بەردى ياسىمىچىلىق يېڭىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، شى شىن، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شۇاڭچۇاڭ كىچىك بازىرىدىكى شىنجاڭ يۈنتېڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ چاڭ - توزانسىز ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تېخنىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ LED ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

قارا كۆمۈر ئاق «گۈرۈچ دانچىسى»غا ئايلاندى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كۆك ياقۇت كىرىستالى «ئۈنۈپ» چىقتى، كىرىستاللىق كىرېمنىي كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ 10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئورگانىك كىرېمنىي مەھسۇلاتىغا ئايلاندى... كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇلار ئاڭلىماققا ناتونۇش ھەم سىرلىق بىلىنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس.

ماتېرىيالدا يېڭىلىق يارىتىش ئىزچىل تۈردە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ كەلدى. سانائەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى ماتېرىيال خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك كەسىپ، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ساھە بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپىدە تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، ئومۇمىي سەۋىيە ۋە كەسىپنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپ بەرپا قىلىندى

بىر تال گۈرۈچ دانچىسى چوڭلۇقىدىكى پولىئېفېر خام ماتېرىيالى قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. ھالبۇكى شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بارلىق ماشىنىلار شۇنى دەپ ئايلىنىدۇ.

«بۇ نەرسىگە سەل قارىماڭ، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بوتۇلكا، قۇتا، ئۇچىمىزغا كىيىدىغان كىيىم، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىشلىتىدىغان ماسكا، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، بىناكارلىق كەسپى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەردىمۇ ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى سۈپەت - تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ گوشياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ «گۈرۈچ دانچىسى»نىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى چۈشەندۈردى.

«گۈرۈچ دانچىسى»نىڭ ئىلمىي نامى پولىستىرېن، پولىپىروپىلېن بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ پولىئېفېر مەھسۇلاتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەر خىل سولياۋ بۇيۇملارنىڭ خام ماتېرىيالى. ئۇنى ياساپ چىقىشتىكى خام ماتېرىيال دەل يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلگەن كۆمۈر.

مۇشۇنداق «تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش»تەك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تايىنىلغىنى شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال تۈرىدىكى ئەڭ يادرولۇق قۇرۇلما: MTO قۇرۇلمىسى.

«بۇ يۈرۈش قۇرۇلمىدا دۆلەت ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە SHMTO يۈرۈشلۈك تېخنولوگىيە تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدىكى شىركەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى» دېدى ۋۇ گوشياڭ.

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، MTO يۈرۈشلۈك تېخنىكىسى جۇڭگو نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى بىرلەشمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، باھالاش نەتىجىسىدە بۇ تېخنىكا «ئومۇمىي سەۋىيەدە خەلقئارادا ئىلغار، قىسمەن تېخنىكىدا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ» دەپ بېكىتىلدى. ئىلغار تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئوراپ قاچىلانغان پولىئېفېر مەھسۇلاتىدىن جەمئىي 376 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق نىشاننىڭ %55.3ىنى ئورۇندىدى.

شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى كۆمۈرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلدى، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى بولسا كىرېمنىينى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزدى.

«ھازىر، بىزنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيدا ئېلېكتىرون دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ نازۇك ئەسۋابلاردا قوللىنىلىدىغان بولدى» دېدى شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شىلياڭ.

كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي نۇر ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە ئېلېكتىرون دەرىجىسىگە ئايرىلىدۇ، لى شىلياڭ بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى توغرىسىدا مۇنداق ئوخشىتىش قىلدى: 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىگە ئوخشاتساق، نۇر ئېنېرگىيە دەرىجىسى ئون سېكۇنتتا يۈگۈرۈپ بولىدۇ، بۇ تەخمىنەن ئاسىيا سەۋىيەسى؛ ئېلېكتىرون دەرىجىسى بولسا توققۇز سېكۇنت يەتتە دەقىقە، توققۇز سېكۇنت سەككىز دەقىقىدە يۈگۈرۈپ بولىدۇ، بۇ دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيە قاتارىغا كىرىدۇ.

نۇر ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىن ئېلېكتىرون دەرىجىسىگىچە، بۇ تېخنولوگىيەنىڭ ئۆسۈشى بولۇپ، ھەربىر ئىش تەرتىپى قاتتىق كونترول قىلىندى، ھەرقايسى ھالقىلار ئىنچىكە ئۆلچەپ ھېسابلاندى؛ بۇ مۇشەققەتلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بولۇپ، 2008 - يىلىدىن باشلاپ، «كىرېمنىي» دۇنياسىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىپ، 12 يىلدا قاتمۇقات تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يەڭدى.

نۆۋەتتە، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىرون دەرىجىلىك كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، سىلىتسىي نىترىد، سىركونىي ئوكسىدى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنولوگىيە تۈرىدىن 30 نەچچىنى ئاچتى ھەم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 80 مىڭ توننا بولغان يۇقىرى ساپلىق كىرىستاللىق كىرېمنىي تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

ساھەنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

«دۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى گاۋ ئەيچىڭ ھالقا شەكىللىك بىر تۇرۇبا ماتېرىيالىنى كۈچەپ يەرگە ئاتتى.

يەردىن ئېلىپ، تەكشۈرۈپ كۆردى، شەكلى ئۆزگەرمىگەن، بۇزۇلمىغانىدى. «بۇ PVC يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالىدىن ياسالغان، ناھايىتى مۇستەھكەم، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ» دېدى گاۋ ئەيچىڭ. ئۇنىڭ كەينىدە تاماق ئۈستىلى، ئورۇندۇق، دېرىزە قاتارلىق ئۆي بېزەكچىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرتىپ بويىچە تىزىلغان بولۇپ، بىر قاراشتىلا ياغاچتىن ياسالغان، پولاتتىن ياسالغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن قېلىشمايتتى.

«دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىز PVC يېڭى تىپلىق ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، PVC پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردۇق.» گاۋ ئەيچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار نەملىكتىن ساقلىنىش، كۈيە چۈشۈشتىن ساقلىنىش، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، «فورمالىن نۆل بولۇش، بۇلغىنىش نۆل بولۇش، قويۇپ بېرىش نۆل بولۇش، يىغىۋالغىلى بولۇش» تەك مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە يېتىپ، ياغاچنىڭ ئورنىغا سولياۋ ئىشلىتىش، پولاتنىڭ ئورنىغا سولياۋ ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نۆۋەتتە ھۈنەر - سەنئەت بېزەكچىلىكى ۋە ئۆي بېزەكچىلىكى ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلماقتا.

قۇرۇلۇش ساھەسىگە كىرىش شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پەقەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىر ھالقا. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز تېرمىنال ئىستېمالىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتۇق.» شىركەتنىڭ باش ئىنژېنېرى جاۋ يۇڭلۇ مۇنداق دېدى: «PVC قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە ئۆي - زېمىن، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەردە ئىشلىتىلىشىنى كېڭەيتىشتىن باشقا، بىز يەنە نەزەرىمىزنى توقۇمىچىلىق ئىككىلەمچى بازىرىغا قارىتىپ، پەرقلىق ۋىسكوزا تالا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتۇق».

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، مەھسۇلات دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى يەنە كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى. ھازىر، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «كۆمۈر − توك − ھاك تېشى − كالتسىي كاربىد − PVC − قۇرۇلۇش، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ» ۋە «كۆمۈر − توك − تۇز − ئىشقار − يېلىم − يىپ − رەخت − تەييار كىيىم»دىن ئىبارەت ئىككى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇردى.

شىنجاڭ زىجىڭ نۇر ئېلېكتىر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا كەسىپ زەنجىرىدىكى «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدىنىش» سەپىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ شىركەتنىڭ كىرىستال سېخىدا، تېخنىكلار ئېكرانغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، سۈرەتلەردە دادۇر چوڭلۇقىدىكى كۆك ياقۇت كىرىستالى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

بۇ كىرىستال «ئۆسەلەيدۇ». بۇ جەرياندا، تېخنىكلار ئۆستۈرۈش ئوچۇقىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئىسسىقلىق دەرىجىسى قاتارلىق پارامېتىرلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۇنىڭ «ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش»ىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بىر ئايدىن كېيىن، «دادۇر»چىلىك كىرىستال «ئۆسۈپ» 30 كىلوگىرام كېلىدىغان كۆك ياقۇت كىرىستالىغا ئايلىنىدۇ، كەسىپ زەنجىرى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ زىجىڭ نۇر ئېلېكتىر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆك ياقۇت كىرىستال كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى شەكىللەندۈردى، كۆك ياقۇت كىرىستالىنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ LEDنىڭ يادرولۇق تەگلىك ماتېرىيالى، شۇنداقلا LED ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنىڭ ئۆستۈرۈش چىرىغى، ئۆگىنىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆز ئاسراش چىرىغى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

كەڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلغار قۇرۇلمىلىق ماتېرىيال توپى بەرپا قىلىندى

زامانىۋىلاشقان سانائەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ماتېرىيال كەسپى ئاچقۇچلۇق باشلىنىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1 - تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر توپى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىلغار قۇرۇلمىلىق ماتېرىيال كەسىپلەر توپى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى، يەنكۇاڭ شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىلغار قۇرۇلمىلىق ماتېرىياللارنىڭ يادرولۇق يۈكلىمە رايونىغا ئايلاندى.

«باغچە رايونى ھازىر بار بولغان كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، زاپاس مىقدارىنى زورايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ماتېرىيال، ئاليومىننى ئاساس قىلغان ماتېرىيال، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ماتېرىيالدىن ئىبارەت ئۈچ كەسىپ توپىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپ، ئاليومىننى ئاساس قىلغان كەسىپ، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان كەسىپ، سىركونىينى ئاساس قىلغان كەسىپتىن ئىبارەت تۆت زەنجىرنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى» دېدى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بېي.

نۆۋەتتە، بۇ باغچە رايونىدا يېڭى ماتېرىيال ساھەسى بويىچە سانائەت مۇھىم، زور تۈرىدىن جەمئىي 45ى پىلانلانغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 44 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرلۈك يانداش تۈرلەرمۇ بار. تۈرلەر ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، باغچە رايونىدا مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

يىرىك پىلانغا ئاساسەن، «نۇقتىلىق كارخانا(تۈر) − كەسىپ زەنجىرى − كەسىپلەر توپى»نىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى بىلەن «نۇقتىلىق كارخانا (تۈر) − يېتىشتۈرۈلىدىغان، كىرگۈزۈلىدىغان كارخانا (تۈر)»نىڭ توغرا يۆنىلىشلىك كېڭىيىش ئەندىزىسىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)نىڭ ئىلغار قۇرۇلمىلىق ماتېرىيال كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، ئەۋزەل ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلار ئىگىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەللەشكەن، يانداش سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ئىلغار قۇرۇلمىلىق ماتېرىيال كەسىپلەر توپى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، توپلاش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈم ئېففېكتى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى